مەركىزىي رادىيو تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ «داڭلىق ماركا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى» جۇڭگو ماركا كۈنى باش تېمىلىق پائالىيىتى شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلدى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:
مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ «داڭلىق ماركا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى» جۇڭگو داڭلىق ماركا كۈنى باش تېمىلىق پائالىيىتى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى شاڭخەي خەلقئارا تاراتقۇ پورتىدا ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەت «داڭلىق ماركا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى» كارخانىچىلار ئالماشتۇرۇش يىغىنى ۋە جۇڭگو داڭلىق ماركا كۈنى «سۆھبەت» ئالاھىدە پىروگراممىسىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپتى. مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسا ئىشتات ئىشلىرى كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، باش دىرېكتور ئىشخانىسىنىڭ باش دىرېكتورى پېڭ جيەنمىڭ پائالىيەت ئۈچۈن تەبرىك سۆزى قىلدى، باش ئىستانسا باش دىرېكتور ئىشخانىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن چاقىرغۇچىسى رېن شۆئەن كارخانىچىلار ئالماشتۇرۇش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ «داڭلىق ماركا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى»باش تېمىلىق جۇڭگو داڭلىق ماركا كۈنى پائالىيىتىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى بىلەن، «داڭلىق ماركا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى»نىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى ئىگىلەش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشقا ياردەم بېرىشنىڭ مۇقەددىمىسى رەسمىي باشلاندى.