ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خەن جېڭ تۈركمەنىستاننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى شيې بەردىمۇھەممەدوف بىلەن ۋىدېيودا كۆرۈشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-05-12 16:55

 جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، جۇڭگو تۈركمەنىستان ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ جۇڭگو تەرەپ رەئىسى خەن جېڭ 5-ئاينىڭ 11ـ كۈنى بېيجىڭدا ۋىدېيودا جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن تۈركمەنىستاننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى،جۇڭگو ـ تۈركمەنىستان ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ تۈركمەنىستان تەرەپ رەئىسى شيې بەردىمۇھەممەدوف ۋە مۇئاۋىن زۇڭلى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى مېلېدوف بىلەن كۆرۈشتى.

خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن تۈركمەنىستان سەمىمىي، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان ياخشى قېرىنداشلار، ياخشى دوستلار، ياخشى ھەمراھلار. بۇندىن نەچچە كۈن ئىلگىرى، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ بەردىمۇھەممەدوف بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك تېلېفونلىشىپ،

ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭگو بىلەن تۈركمەنىستاننىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى پىلانلاش توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن تۈركمەنىستاننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 30 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتىدە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو ـ تۈركمەنىستان مۇناسىۋىتى باشتىن ـ ئاخىر ساغلام، مۇقىم تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ كەلدى.

خەن جېڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو تۈركمەنىستان بىلەن ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى تېلېفونلاشقاندا ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىكى، قاتناش، رەقەملەشتۈرۈش، ئاۋىياتسىيە ئالەم قاتنىشى ھەمدە ئادىمىيەت، خەۋپسىزلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىدۇ.

ئىككى تەرەپ كەلگۈسى بەش يىللىق ھەمكارلىق پىلانىنى بىرلىكتە تۈزۈپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقى ئۈچۈن يول خەرىتىسى سىزىپ بەرسە بولىدۇ.

شيې بەردىمۇھەممەدوف بىلەن مېلېدوف جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلىدى ھەمدە مۇنداق دېدى: تۈركمەنىستان جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، باراۋەرلىكتە ئۆز ئارا ئىشىنىش، ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىش پىرىنسىپى ئاساسىدا، جۇڭگو بىلەن ئىقتىسادى ھەمكارلىقنىڭ يېڭى ھالىتى، يېڭى ساھەسىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىپ، تۈركمەنىستان بىلەن جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭىدىن تېخىمۇ زور تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. يېڭى بىر نۆۋەتلىك تۈركمەنىستان ـ جۇڭگو ھەمكارلىق كومىتېتى يىغىنىنى تېزدىن ئېچىپ، ئالاقىدار ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

جۇڭگو بىلەن تۈركمەنىستاننىڭ ئىقتىساد-سودا، خەۋەرلىشىش، قاتناش، ئېنېرگىيە قاتارلىق ئالاقىدار ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇللىرى سۆز قىلىپ، بۇ ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، ھەمدە كېيىنكى باسقۇچلۇق ھەمكارلىق تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 













中央广播电视总台 央广网 版权所有

خەن جېڭ تۈركمەنىستاننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى شيې بەردىمۇھەممەدوف بىلەن ۋىدېيودا كۆرۈشتى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، جۇڭگو تۈركمەنىستان