ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

نىڭشيا خۇاڭخې ۋادىسى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالدىن يولغا قويۇش رايونىنى قۇردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-05-12 17:36

 جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:

باش شۇجى شى جىنپىڭ 2016-، 2020-يىلى نىڭشيادا ئىككى قېتىم خىزمەت تەكشۈرگەندە ئانا دەريانى ياخشى قوغداش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى ھەمدە نىڭشياغا خۇاڭخې ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش بىلەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالدىن يولغا قويۇش رايونىنى تىرىشىپ قۇرۇش ھەققىدە يوليورۇق بەردى. نىڭشيا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش، كەسىپنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە داۋاملىق ئىزدىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى يولىدا ماڭدى.

بۇ يىل نىڭشيادىكى چىڭتۇڭشيا سۇ ئامبىرى رايونىدىكى نەم يەر تەبىئىيىتىنى قوغداش رايونىدا يۈزدىن كۆپرەك ئاققۇ بۇ يەردە قىشلىدى ۋە كۆپەيدى، بۇ نىڭشيادا تۇنجى قېتىملىق ئىش.

ئىلگىرى بۇ نەم يەر شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ بېشىنى قاتۇرغان ئىدى. ھەددىدىن زىيادە ئېچىش، توسما ياساپ ئېتىز بەرپا قىلىش، بوز يەر ئېچىپ تېرىقچىلىق قىلىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، بۇ يەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى بىر مەھەل بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان ئىدى. 2016-يىلى 7-ئايدا باش شۇجى شى جىنپىڭ نىڭشيادا خىزمەت تەكشۈرگەندە: مەنبەدىن قوغداشنى كۈچەيتىپ، سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، نۇقتىلىق كۆل ۋە نەم يەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى.

نىڭشيا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر قاتار قاتتىق قوغداش تەدبىرلىرىنى يولغا قويدى، يەنى 120 مىڭ مودىن كۆپرەك يەرنى تېرىلغۇدىن نەم يەرگە قايتۇردى؛ دەريا بۆلىكى، يەر بۆلىكى، تۈرلەر بويىچە قالايمىقان ئىگىلىۋېلىش، قالايمىقان قۇرۇلۇش قىلىش مەسىلىلىرىنى تەكشۈردى؛ 10 مىڭدىن ئارتۇق دەريا، كۆل باشقۇرۇش خادىملىرى 2220 كىلومېتىر دەريا ۋادىسى قىرغىقىنى تۈزىدى.

2020-يىلى 6-ئايدا باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم نىڭشيادا خىزمەت تەكشۈرۈپ، خۇاڭخې ۋادىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى يەنىمۇ پىلانلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نىڭشيا ئومۇمىيەت قارىشى ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، خۇاڭخې دەرياسىنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، كۆڭۈل قويۇپ ئاسراپ، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، سىستېمىلىق تۈزەش، مەنبەدىن تۈزەشتە چىڭ تۇرۇش؛ خۇاڭخې ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش بىلەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالدىن يولغا قويۇش رايونىنى تىرىشىپ قۇرۇش لازىم.

خۇاڭخې دەرياسىنى تۈزەشتە مۇھىم نۇقتىنى قوغداشقا قارىتىش، تۈزەشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇش كېرەك. نىڭشيا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشنى سۇ، قۇرغاقچىلىق تەبىئىي ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىن باشلاپ، خۇاڭخې دەرياسىنى قوغداشنىڭ ئاساسىنى مۇستەھكەملىدى.

نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىشلىتىدىغان سۈيىنىڭ %90 خۇاڭخې دەرياسىنىڭ سۈيى، سۇنى قانداق قىلىپ ياخشى ئىشلىتىش نىڭشيانىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ئاچقۇچى. بىر تەرەپتىن نىڭشيا يېزا ئىگىلىكىدە يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەپ سۇغىرىشنى ئومۇملاشتۇردى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئەنئەنىۋى خىمىيە سانائىتى، مېتاللورگىيە قاتارلىق كارخانىلارنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان، يېشىللاشقان تېخنىكا ئىسلاھاتى سالمىقىنى زورايتتى. دۆلەتنىڭ يۈز مىليون توننىلىق چوڭ تىپتىكى كۆمۈر بازىسى بولغان نىڭدۇڭ ئېنېرگىيە خىمىيە سانائىتى بازىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا بىر ھالقىدا پەيدا بولغان كېرەكسىز ماددىلار كېيىنكى ھالقىدىكى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ خام ئەشياسىغا ئايلاندى، مۇشۇ بويىچە ھەممە ھالقىلار بىر-بىرىگە باغلاندى، بۇنىڭ بىلەن كېرەكسىز سۇ قويۇپ بېرىلمەيلا قالماي، مەھسۇلاتنىڭ قوشۇلما قىممىتىمۇ ئۈزلۈكسىز ئاشتى. 400 نەچچە يۈەنلىك بىر توننا كۆمۈر سەرپ قىلىش ئارقىلىق نەچچە ئون مىڭ يۈەنلىك ئاممىياك تالاسى، ئاروماتىك تالا مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىلدى.

«14-بەش يىل» دا نىڭشيا ئالدىن يولغا قويىدىغان رايون قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى سىستېمىلىق تۈزەشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈردى؛ پاكىز ئېنېرگىيە، يېڭى تىپتىكى ماتېرىيال قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى. نىڭشيا بۇ ساھەلەرنى چۆرىدەپ، بۇ يىل جەمئىي 392 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 846 چوڭ تۈردە مەركەزلىك ئىش باشلىدى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

نىڭشيا خۇاڭخې ۋادىسى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالدىن يولغا قويۇش رايونىنى قۇردى

باش شۇجى شى جىنپىڭ 2016-، 2020-يىلى نىڭشيادا ئىككى قېتىم خىزمەت تەكشۈرگەندە ئانا دەريانى ياخشى قوغداش كېرەك،