ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئاز سانلىق مىللەت پۇشتىدىن بولغانلار يەتكۈچە بوزەك قىلىندى

مەنبەسى:خەلق تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-05-12 17:48

 

ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىشتىكى بەش چوڭ جىنايىتىنىڭ ئىككىنچىسى ئىرقچىلىق − ئاز سانلىق مىللەت پۇشتىدىن بولغانلار يەتكۈچە بوزەك قىلىندى

 

 ئىرقچىلىق − ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ ھەرقايسى بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغا يامرىغان «يۇقۇملۇق كېسەللىك» بولۇپ، نەچچە ئەسىر ھالقىپمۇ «داۋالاش ئۇسۇلى» ۋە «ۋاكسىنىسى»نى تاپقىلى بولمىدى. يېقىندا، فلويېد دېلوسى سوت قىلىنىۋاتقان پەيتتە، مىننېسوتا ئىشتاتىدا يۈز بەرگەن يەنە بىر قارا تەنلىك ئەرنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈش دېلوسى ئاممىنىڭ غەزىپىنى يەنە بىر قېتىم قوزغىدى. ئامېرىكىدا بۇنداق قايتىلىنىشنى تاسادىپىيلىق دېگىلى بولمايدۇ. قايتا-قايتا يۈز بەرگەن يامان خاراكتېرلىك ئىرقىي زوراۋانلىق ۋەقەسى ئامېرىكا جەمئىيىتىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ، بۇ دۆلەتنىڭ ۋىجدانىنى توختىماي سوراق قىلماقتا.

ئامېرىكىنىڭ نەزەر دائىرىسىگە كىرگەن ئاشۇ يامان خاراكتېرلىك ئىرقىي ۋەقەلەر پەقەت مۇز تاغنىڭ بىر بۈرجىكى بولۇپ، ئۇنىڭ ئاستىغا تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك سىستېمىلىق ئادالەتسىزلىك يوشۇرۇنغان. ئۆتكەن بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن يۇقۇم تېخىمۇ كۆپ كىشىگە سۇ ئاستىغا كۆمۈلۈپ قالغان بۇ غايەت زور نەرسىنى ئېنىق كۆرسەتتى. نۇرغۇن سانلىق مەلۇماتلار شۇنى كۆرسەتتىكى، ئافرىقا پۇشتىدىن بولغان، لاتىن ئامېرىكىسى پۇشتىدىن بولغان قاتارلىق ئامېرىكىدىكى ئاز سانلىق مىللەت پۇشتىدىن بولغانلار يۇقۇمنىڭ نىسبەتسىز زەربىسىگە ئۇچرىدى. بۇنىڭ ئارقىسىدىكى، ئامېرىكىدىكى ئوخشاش بولمىغان مىللەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي بايلىقلارنى ئىگىلىشىدە مەۋجۇد بولغان ئومۇميۈزلۈك تەڭپۇڭسىزلىقتۇر. خوۋارد داشۆسى تېببىي شۆيۈەنىدىكى ئافرىقا پۇشتىدىن بولغان مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى سەيلىيا ماكسۋېلبو مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ بۇ توپىمىزغا قاراڭ، بۇ يەر يېمەكلىك كەمچىل، قاتناش كەمچىل، مائارىپ كەمچىل... ساغلاملىققا پايدىلىق بارلىق ئىجتىمائىي ئامىللارنى بىز ھازىرلىمىدۇق.»

بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكىدىكى ئىرقىي مەسىلىلەر بارغانسېرى كۈچىيىپ، خەلقئارا جەمئىيەت ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. بۇ يىل ب د ت ئىنسانىي ھوقۇق كېڭىشى ئامېرىكىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق دوكلاتىنى قاراپ چىققاندا، 110 دىن ئارتۇق دۆلەت ئامېرىكىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىسىنى تەنقىدلىدى. بارغانسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان بۇ ئىرقىي «يۇقۇملۇق كېسەل» ئالدىدا، ئەگەر ئامېرىكىنىڭ ماھىيەتلىك ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشى داۋاملىق تەس بولسا، ئامېرىكىنىڭ ئۆزىگە ئۆزى قوشۇۋالغان كىشىلىك ھوقۇق ئەپسانىسىنىڭ بىمەنىلىكى بەلكىم تېخىمۇ گەۋدىلىنىشى مۇمكىن.

 

 

    中央广播电视总台 央广网 版权所有

    ئاز سانلىق مىللەت پۇشتىدىن بولغانلار يەتكۈچە بوزەك قىلىندى

    ئىرقچىلىق − ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ ھەرقايسى بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغا يامرىغان «يۇقۇملۇق كېسەللىك»