ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

توي زىياپىتىنى «تاماق ئاشۇرۇپ قويۇش زىياپىتى»گە ئايلاندۇرۇپ قويمايلى

مەنبەسى:خەلق تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-05-12 17:50

 

«1-ماي» بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، نۇرغۇن ئاشىق-مەشۇقلار بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدىن پايدىلىنىپ توي زىياپىتى ئۆتكۈزدى. ئاپتورنىڭ بايقىشىچە، بەزى توي زىياپىتىدە قورۇما بەك كۆپ، قورۇما چىقىرىش سۈرئىتى تېز بولغاچقا، نۇرغۇن قورۇمىلار يەپ تۈگىتىلمىگەن، «تەخسە بىكارلاش» نىشانى ئەمەلگە ئاشمىغان.

قۇتلۇق بولۇش ئۈچۈن، بەزى توي زىياپىتىدە بىر ئۈستەلگە ئون نەچچە خىل، ھەتتا 20 نەچچە خىل قورۇما چىقىرىلىدۇ. توي زىياپىتى بولغاچقا، نۇرغۇن مېھمانلار ئېشىپ قالغان قورۇمىلارنى ئېلىپ كېتىشكە خىجىل بولىدۇ ياكى نۇرغۇن ئادەم يەپ ئېشىپ قالغان تاماق، دەپ، ئوراپ قاچىلاشنى خالىمايدۇ، بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن ئىسراپچىلىق كېلىپ چىقىدۇ. يېزىلاردىمۇ توي-تۆكۈن تاماقلىرىدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېڭىلىق يارىتىلىپ، قورۇما سانى كۆپەيدى، بىر ئۈستەلگە ئون نەچچە خىل قورۇما چىقىرىش ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال بولۇپ قالدى.

توي زىياپىتى مۇئەييەن ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، مەلۇم دەرىجىدە ساھىبخاننىڭ سېخىيلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. توي مۇراسىمىدا «تەخسە بىكارلاش» بەلكىم ساھىبخاننىڭ «پىخسىقلىقى» دەپ قارىلىشى، مېھمانلار سۆز-چۆچەك قىلىشى مۇمكىن. شۇڭا، ئادەتتە ناھايىتى تېجەشلىك كىشىلەرمۇ توي زىياپىتى ئۆتكۈزگەندە «بىر قېتىم ئىسراپ قىلىش» خىيالىدا بولۇپ، زاكاز قىلغاندا «كۆپ بولۇپ كەتسە مەيلى، ئاز بولۇپ قالمىسۇن» دېيىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن «كاتتا زىياپەت» «تاماق ئاشۇرۇپ قويۇش زىياپىتى»گە ئايلىنىدۇ.

ھەر بىر قاچا تاماقنىڭ قولغا كېلىشى ئاسان ئەمەس. «تەخسە بىكارلاش» ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشتا، توي زىياپىتىمۇ مۇستەسنا ئەمەس. بىر تەرەپتىن، تەشۋىقات-تەربىيەنى كۈچەيتىپ، كىشىلەرنى ئىدىيە جەھەتتىن ئەمگەككە ھۆرمەت قىلىش، ئاشلىق تېجەشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تونۇشقا، توي زىياپىتى ئۆتكۈزۈشتىكى كونا قاراش، كونا ئۇسۇلنى تەدرىجىي ئۆزگەرتىپ، دەل جايىدا تاماق بۇيرۇتۇپ، ئىسراپ قىلماسلىققا يېتەكلەش كېرەك؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئالاقىدار تارماقلار كونكرېت تەدبىرلەرنى تۈزۈپ، يېمەكلىك ئىسراپچىلىقىغا قارشى تۇرۇش قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تەخسە بىكارلاش ھەرىكىتى»نى توي زىياپىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر بىر ساھەدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

توي زىياپىتىنى «تاماق ئاشۇرۇپ قويۇش زىياپىتى»گە ئايلاندۇرۇپ قويمايلى

«1-ماي» بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، نۇرغۇن ئاشىق-مەشۇقلار بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدىن