گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى گۇاڭدۇڭغا خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتتى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 2-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:
31-ماي چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تە گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ۋاكسىنا ئەملەشكە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. دۆلەتلىك سەھىيە ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى مى فېڭ مۇنداق دېدى: گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى گۇاڭدۇڭغا خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، يۇقۇمنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى.
مى فېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: خەتىرى يۇقىرى رايونلاردا ئەڭ كەسكىن، ئەڭ قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ، كىشىلەرنىڭ توپلىشىپ پائالىيەت قىلىش ۋە يۆتكىلىشىنى تىزگىنلەپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىشىنى توسۇش كېرەك. مەھەللىدە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەلىپىنى ئىنچىكە، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئائىلىدە ئايرىپ باشقۇرۇش، سالامەتلىك تەكشۈرۈش، ماددىي ئەشيا كاپالىتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش؛ «سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش»قا دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك.