ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو دېموكراتىك ئىتتىپاقى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-06-03 16:36

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو دېموكراتىك ئىتتىپاقى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى 2-ئىيۇن بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى سۈن چۈنلەن يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن تەبرىك سۆزى قىلدى.

سۈن چۈنلەن تەبرىك سۆزىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئەمەلىيەت جۇڭگو دېموكراتىك ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى بىلەن جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولىدىغان، بىرلىكتە ھەمكارلىشىدىغان يېقىن دوست پارتىيە، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىپ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىدىغان پارتىيە بولۇشقا مۇناسىپ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. جۇڭگو دېموكراتىك ئىتتىپاقىنىڭ يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپە، يېڭى تەلەپنى نەزەردە تۇتۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى كۆڭلىگە پۈكۈپ، سىياسىي ئورتاق تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى سەھىپە يارىتىپ، يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو دېموكراتىك ئىتتىپاقى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

جۇڭگو دېموكراتىك ئىتتىپاقى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى 2-ئىيۇن بېيجىڭدا ئېچىلدى.