ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى كېچياڭ جىلىندا خىزمەت تەكشۈردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-06-17 10:12

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 17-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 15-ئىيۇندىن 16-ئىيۇنغىچە جىلىننىڭ سوڭيۈەن، چاڭچۈندە خىزمەت تەكشۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ بازار سۇبيېكتىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

لى كېچياڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى. ئۇ سۇڭيۇەن شەھىرىدە ئېتىزلارغا بېرىپ كۆممىقوناقلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆرۈپ، دېھقانلارنىڭ بۇ يىل ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشتىن ئۈمىد بارلىقى، ئەمما ئورىيە، دىزېل مېيى قاتارلىقلارنىڭ باھاسىنىڭ تېز ئۆرلىگەنلىكى، يېقىندا كۆممىقوناق باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىمۇ ئۇلارنى ئەندىشە سالغانلىقىنى ئاڭلىدى. لى كېچياڭ بىللە بارغان ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلارغا ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنىڭ باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى تاپىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئاشلىق يېتەرلىك بولسا، جاھان تىنچ بولىدۇ. مۇۋاپىق ئاشلىق باھاسى سەۋىيەسىنى ساقلاپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنى توسۇپ، ئاشلىق تېرىغۇچى دېھقانلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى ياخشى قوغداش كېرەك. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: قىممەتلىك قارا تۇپراقنى ياخشى قوغداپ، تېخىمۇ كۆپ ئەلا سورتلارنى يېتىشتۈرۈپ، شەرقىي شىمالدىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئاشلىق ئامبىرىنى تېخىمۇ تولۇقلاش كېرەك.

لى كېچياڭ چاگەن كۆلىگە كېلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ئەھۋالىنى تەكشۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ چوڭ كۆل ئەتراپنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ياخشىلاشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. سۇ مۇھىتىنى قوغداشنى داۋاملىق بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ، ئېكولوگىيە ئارقىلىق بېلىقچىلىق قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، چاگەن كۆلى دېگەن بۇ ئالتۇن خەتلىك ۋىۋىسكىنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇش كېرەك.

شەرقىي قىسىمدىكى كارخانىلار مەبلەغ سېلىپ قۇرغان جىلىن پەنپەن يېمەكلىك شىركىتىدە، لى كېچياڭ باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇش ئەھۋالىنى سورىدى ھەمدە ئىشچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېمەكلىك كەسپى مەڭگۈلۈك گۈللىنىدىغان كەسىپ، بازارنى ئىنچىكە ئايرىش بوشلۇقى چوڭ، سىلەرنىڭ ئېھتىياجغا ماس كېلىدىغان تېخىمۇ كۆپ يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. لى كېچياڭ كارخانىنىڭ بۇ يەردىكى مەبلەغ سېلىش دائىرىسىنى كېڭەيتمەكچى بولغانلىقىنى ئاڭلاپ مۇنداق دېدى: شەرقىي شىمال كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈپ، تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ۋە تۇرمۇش كەچۈرىدىغان ياخشى جاي، تىجارەت-سودا مۇھىتى ئۆتكەلدىن ئۆتسىلا تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ يىراق يىراقلاردىن كېلىدۇ. ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش، بازار سۇبيېكتىنى يېتىلدۈرۈش جەھەتتە زور كۈچ سەرپ قىلىپ، دۆلەت ئىچى ـ سىرتىدىكى كارخانىلارنىڭ شەرقىي شىمالغا مەبلەغ سېلىش ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، شەرقىي شىمال تەرەققىياتىنىڭ زور ئۈمىدكە تولغان ئىستىقبالىنى تېخىمۇ ياخشى نامايان قىلىش كېرەك.

لى كېچياڭ جىلىن ئۆلكىسىنىڭ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش، تەرەققىي قىلىش ۋە ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىق ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى. ئۇ جۇڭگو-كورېيە چاڭچۈن خەلقئارا ھەمكارلىق ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىغا كېلىپ تەكشۈرۈپ، كارخانىنىڭ سودا مۇھىتىغا بولغان تەسىراتى ۋە تەكلىپىنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىز چوڭ كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشىنى، شۇنداقلا ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىشىنى قارشى ئالىمىز. نۇرغۇن ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار مەخسۇس، سەرخىل، ئالاھىدە يېڭى تېخنىكىغا ئىگە، خاسلاشقان، تۈرگە ئايرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار بىلەن ھەممە يەرنى قاپلىتىپ، چوڭ كارخانىلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تىرەك بولۇش كېرەك. شەرقىي شىمالنىڭ چېگرا بويى، دېڭىز بويى ئەۋزەللىكى بار، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، بولۇپمۇ شەرقىي شىمالىي ئاسىياغا ئېچىۋېتىش، رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، رايون ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، شەرقىي شىمالنىڭ تەرەققىيات باشلامچىسى بولۇش كېرەك.

پۇقراۋى كارخانىلار قۇرغان «بەيدۇ» يېڭىلىق يارىتىش ئىش ئورنىدا لى كېچياڭ ئىجادكارلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى كۆردى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىزنىڭ «ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش»نى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز جەمئىيەتنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە ئۇرغۇتۇش ئۈچۈندۇر. كۆپچىلىك تەڭ ھەرىكەتكە كەلسە چوڭ ئىشلارنى قىلالايدۇ، ھەم ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەم جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلغاندا ئاندىن يېڭىلىق يارىتىش چوڭ پاراخوتىنى مۇۋەپپەقىيەت قىرغىقىغا قاراپ ماڭغۇزغىلى بولىدۇ.

لى كېچياڭ جىلىن ئۆلكىسىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئەمەلىي، جاپالىق ئىشلەپ، شەرقىي شىمالنىڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

لى كېچياڭ جىلىندا خىزمەت تەكشۈردى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 15-ئىيۇندىن 16-ئىيۇنغىچە جىلىننىڭ سوڭيۈەن، چاڭچۈندە خىزمەت تەكشۈردى.