جايلار «1-ئىيۇل»دىكى مۇھىم سۆزنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ، يېڭى مۇساپىنى جاسارەت بىلەن ياخشى ماڭماقتا
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 19-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:
جايلار «1-ئىيۇل» دا قىلغان مۇھىم سۆزنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يۈزلەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كادىرلار ۋە ئاممىنى ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى جاسارەت بىلەن يېڭى سەپەرگە ئاتلىنىش، يېڭى دەۋر يارىتىش ئەمەلىي ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشقا يېتەكلىدى.
گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى گۇاڭجۇ شەھىرى دۇڭخۇي مەھەللىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى زېڭ چياۋلىڭ تەۋەلىكتىكى پارتىيە ئەزالىرىنى «1-ئىيۇل»دىكى مۇھىم سۆزنىڭ روھىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى. زېڭ چياۋلىڭ «مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىسى»، يۇقۇم ئەھۋالى سەۋەبىدىن، ئۇ بېيجىڭغا بېرىپ مۇكاپات ئالالمىدى، ئۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئالدى، ھازىر يۇقۇم ئۆتۈپ كەتتى، مەھەللىنىڭ ئاساسلىق خىزمىتى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بولۇپ قالدى.
گەنسۇ ئۆلكىسى جىنچاڭ شەھىرى باۋلىنلى مەھەللىسى پارتكومى بۇ قېتىم «مەملىكەتلىك ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى» شەرىپىگە ئېرىشتى، پارتكوم شۇجىسى لى جيەن كۆپچىلىككە ۋاكالىتەن بېيجىڭغا بېرىپ مۇكاپات ئالدى. مەھەللىگە قايتقاندىن كېيىن، ئۇ «1-ئىيۇل»دىكى مۇھىم سۆزنىڭ روھىنى ۋاقتىدا يەتكۈزدى ھەم بۇنى پۇرسەت بىلىپ، پارتىيە ئەزالىرىنى «مىكرو پىدائىيلار» مۇلازىمەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىدى.
جياڭشى ئۆلكىسى نەنچاڭ ناھىيەسى جيەنشيا كەنتىدە، «مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىسى» ليۇ ۋېيپىڭ ئۆزىنىڭ بېيجىڭدا باش شۇجىنىڭ «1-ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىنكى تەسىراتىنى ئورتاقلاشتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جيەنشيا كەنتى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد شال تېرىشتىن تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ «مەملىكەتلىك مەدەنىي كەنت» كە ئايلاندى، كەنتتىكى ئۆزگىرىشلەر كۆپچىلىكنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ چىڭىتتى.
خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى راۋخې ناھىيەسى شياۋنەنخې كەنتى باش شۇجىنىڭ سۆزىنىڭ روھىنى كەنت ئاھالىلىرىنى بېيىشقا يېتەكلەشتە ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈردى. ھازىر كەنت ساياھەت لىنىيەسىنى قايتىدىن پىلانلاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، ساياھەت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى زورايتىپ، شياۋنەنخې ساياھەت كەسپىنى يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى ئۆلچەمگە يۈزلەندۈرۈپ، ئىككى يىل ئىچىدە ساياھەت كىرىمىنى بىر قاتلاش ئۈچۈن تىرىشماقتا.