ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا مۇقىملىق ئاساسىدا مۇستەھكەملىنىش، مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-07-21 09:34

 جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 21-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، ئالاقىدار مەسئۇل كىشى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئالدىنقى يېرىم يىلدا خەلق ئىگىلىكى سىجىل، مۇقىم ئەسلىگە كەلدى، ئاساسلىق ماكرولۇق كۆرسەتكۈچلەر مۇۋاپىق دائىرىدە بولدى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا مۇقىملىق ئاساسىدا مۇستەھكەملىنىش، مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى. دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئۇنىۋېرسال مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى يۈ ئەندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئاساسى داۋاملىق مۇستەھكەملەندى، ئىچكى ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى مۇقىم ئاشتى، تەرەققىيات سۈپىتى، ئۈنۈمى داۋاملىق ياخشىلاندى، بازار ئىشەنچ كۆزلىمىسى مۇقىم ياخشى بولدى،خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى.

يۈ ئەندا مۇنداق دېدى: ئەمەلىي بۇيۇم مىقدارى كۆرسەتكۈچىدىن قارىغاندا، ئالدىنقى يېرىم يىلدا پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارى، يۈك توشۇش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم ـ ئايرىم %16.2 ۋە %24.6، ئىككى يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %7.6 ۋە %7.2 ئېشىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى بىلەن ماسلىشىش دەرىجىسى بىر قەدەر ياخشى بولدى.

ئىشقا ئورۇنلىشىش مال باھاسى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، شەھەر-بازارلاردا 6 مىليون 980 مىڭ كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى، ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھاسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.5 ئاشتى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى، ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا %12.6 ۋە %23 ئېشىپ، ئىككى يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرىتى %4.4 بولۇپ،1ـ پەسىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1.5، 0.2 پوئېنت ئاشتى.

يۈ ئەندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كېيىنكى قەدەمدە، بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمى ۋە كېلەر يىللىق ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى بىر تۇتاش ياخشى پىلانلاپ، ماكرولۇق تەڭشەش ـ تىزگىنلەشنى ئىلمىي، دەل جايىدا يولغا قويۇپ، ماكرولۇق سىياسەتنىڭ سىجىللىقى، مۇقىملىقى، ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنى ساقلاپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇمىز. تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئۈنۈمى يەنىمۇ گەۋدىلىنىدۇ، بىزنىڭ پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشان ـ ۋەزىپىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تولۇق ئىشەنچىمىز، ئىقتىدارىمىز ۋە شارائىتىمىز بار. 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا مۇقىملىق ئاساسىدا مۇستەھكەملىنىش، مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى

دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، ئالاقىدار مەسئۇل كىشى مۇنۇلارنى بىلدۈردى