ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جاۋ لېجى ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى چېن جىنشيۇ بىلەن ۋىدېيودا كۆرۈشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەد|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-08 09:38

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاۋ لېجى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭدا ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزى كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزى تەكشۈرۈش كومىتېتنىڭ مۇدىرى چېن جىنشيۇ بىلەن ۋىدېيو ئارقىلىق كۆرۈشتى.

جاۋ لېجى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام كومپارتىيە رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك دۆلەتلەر، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن باش شۇجى نۇەن فۇتۇڭ كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى ساقلاپ، جۇڭگو ـ ۋىيېتنام ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا نۇرغۇن مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. جۇڭگو ۋىيېتنام بىلەن بىرلىكتە، ئىككى پارتىيەنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيەت تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-ۋىيېتنام مۇناسىۋىتى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ مۇقىم، ئۇزاققىچە تەرەققىي قىلىشىنى سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى خالايدۇ.

چېن جىنشيۇ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىگە يۈكسەك باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن بولغان ئەنئەنىۋى دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە كۈچەيتىش ئەزەلدىن ۋىيېتنام پارتىيەسى ۋە دۆلىتىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى يۆنىلىشى بولۇپ كەلدى، ۋىيېتنام كومپارتىيەسى جۇڭگو كومپارتىيەسى بىلەن پارتىيەلەر ئارا ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ۋىيېتنام-جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايدۇ. 



中央广播电视总台 央广网 版权所有

جاۋ لېجى ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى چېن جىنشيۇ بىلەن ۋىدېيودا كۆرۈشتى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى