ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى جەنشۇ 5-قېتىملىق دۇنيا پارلامېنت باشلىقلىرى يىغىنىدا ۋىدېيولۇق سۆز قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەد|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-08 09:38

 جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ 9-ئاينىڭ 7-كۈنى 5-قېتىملىق دۇنيا پارلامېنت باشلىقلىرى يىغىنىدا ۋىدېيولۇق سۆز قىلدى.

لى جەنشۇ ۋىدېيولۇق سۆزىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتە خەلقئارا ۋەزىيەتتە چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى قايتا يامراۋاتىدۇ، تۈرلۈك دۇنيا ۋە رايون مەسىلىلىرى بىردە كۈچىيىپ، بىردە پەسىيىۋاتىدۇ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە بولغان ئارزۇسى كۈنسېرى تەخىرسىز بولۇۋاتىدۇ، تىنچ تەرەققىياتقا بولغان ساداسى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ. بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، دۇنيا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتا «ھەم ئىتتىپاقلىققا، ھەم ئىلىم-پەنگە تايىنىش كېرەككەن» دېگەن ئەڭ مۇھىم تەجرىبىگە ئېرىشتى.

لى جەنشۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، يۇقۇمنىڭ يامراپ كېتىشىنى تېزدىن تىزگىنلىشىمىز كېرەك. ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىش، تەقسىملەش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، ھالقىلىق ماددىي ئەشيا، ئاممىۋى ساغلاملىق قاتارلىق ساھەلەردە خەلقئارا ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋاكسىنىغا ئېرىشىشچانلىق ۋە كۆتۈرۈشچانلىقنى ئۆستۈرۈش؛ تەبىئىي ۋىرۇسقا قارشى كۈرەش قىلىش بىلەن بىللە، سىياسىي ۋىرۇسقا قارشى كۈرەش قىلىپ، سىياسىينى ئىلىم ـ پەندىن ئۈستۈن قويۇش، ۋىرۇس مەنبەسىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەرنى سىياسىيلاشتۇرۇش ئۇسۇلىغا قەتئىي قارشى تۇرۇش كېرەك.

لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەقدىرى بىر ـ بىرىگە زىچ باغلانغان، ھەرقانداق دۆلەت ئۆزىنىلا ئويلاپ، باشقىلار بىلەن كارى بولمىسا بولمايدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دۇنيا ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىككە موھتاج. بىز ھەرقايسى ئەل خەلقى ئۆز ئالدىغا تاللىغان تەرەققىيات يولى ۋە تۈزۈم ئەندىزىسىگە ھۆرمەت قىلىپ، تالاش-تارتىش ۋە قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى سىياسىي، تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشىمىز، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما ۋە خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى ئورتاق قوغداپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەرقايسى دۆلەت پارلامېنتلىرى ئىتتىپاقى ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، دۇنياۋى خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

«پارلامېنتنىڭ رەھبەرلىك كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆپ تەرەپچىلىكنى كۈچەيتىپ، دۇنيا ۋە خەلققە تىنچلىق ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئېلىپ كېلىش»5-قېتىملىق دۇنيا پارلامېنت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ باش تېمىسى قىلىندى.





中央广播电视总台 央广网 版权所有

لى جەنشۇ 5-قېتىملىق دۇنيا پارلامېنت باشلىقلىرى يىغىنىدا ۋىدېيولۇق سۆز قىلدى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ 9-ئاينىڭ 7-كۈنى 5-قېتىملىق دۇنيا پارلامېنت باشلىقلىرى يىغىنىدا ۋىدېيولۇق سۆز قىلدى.