ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ ئىتالىيە زۇڭلىسى دىراگى بىلەن تېلېفونلاشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-08 10:43

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9-ئاينىڭ 7-كۈنى ئىتالىيە زۇڭلىسى دىراگى بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو-ئىتالىيە مۇناسىۋىتى چوڭقۇر تارىخىي ئاساسقا ئىگە، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىشىش جەريانىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ پايدا ئالدى، مەدەنىيەت جەھەتتە ئۆز ئارا زوق ئالدى، قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا ئۆز ئارا ياردەم بەردى. جۇڭگو ئىتالىيە بىلەن بىرلىكتە، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو-ئىتالىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ياخشى ئىگىلەپ، ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو-ئىتالىيە دوستلۇقىنى قوغداپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئوخشاش بولمىغان تۈزۈم، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتكە ئىگە دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۈلگە تىكلەشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش ھەمكارلىقىنى يېتەكچى قىلىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپ كېلەر يىلىدىكى جۇڭگو-ئىتالىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت يىلى پائالىيىتىنى بىرلىكتە ياخشى ئۆتكۈزۈشى، بولۇپمۇ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ۋە 2026-يىللىق مىلان قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشنى ئۆز ئارا قەتئىي قوللىشى، بۇنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ قار-مۇز تەنھەرىكىتى ۋە كەسىپ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى لازىم. مەن ئىتالىيەنىڭ جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە پائال رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ئىتالىيەنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن يەر شارى ئاممىۋى سەھىيە ھەمكارلىقى ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى پائال ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى ئالقىشلايدۇ. ھازىر يەر شارىدا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھالقىلىق مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، 20 دۆلەت گۇرۇھى خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنىڭ ئاساسلىق سۇپىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، دۇنيا ئىقتىسادىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، سىغدۇرۇشچان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلاردا تېخىمۇ كۆپ ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنىڭ توغرا يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئورتاق خىرىسقا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو ئىتالىيەنىڭ بۇ جەھەتتە رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىنى داۋاملىق قوللايدۇ، ئىتالىيەنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى رىم باشلىقلار يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىشىنى قوللايدۇ.

دىراگى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىتالىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتى ياخشى راۋاجلانماقتا، ئىتالىيە ئىتالىيە-جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو بىلەن ئىككى تەرەپنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىتالىيە-جۇڭگو مەدەنىيەت ۋە ساياھەت يىلى پائالىيىتىنى بىرلىكتە ياخشى ئۆتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئىتالىيە جۇڭگونىڭ ئىتالىيەنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ رەئىسلىك خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگونىڭ يەر شارى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن پائال تىرىشچانلىقى ۋە تۆھپىسىنى ئالقىشلايدۇ، جۇڭگونىڭ ئافغانىستان مەسىلىسىدىكى مۇھىم تەسىرىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو بىلەن 20 دۆلەت گۇرۇھى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك رامكىلار ئىچىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ ئىتالىيە زۇڭلىسى دىراگى بىلەن تېلېفونلاشتى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9-ئاينىڭ 7-كۈنى ئىتالىيە زۇڭلىسى دىراگى بىلەن تېلېفونلاشتى.