ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

تالىباننىڭ ئالىي رەھبىرى ئافغانىستان يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-09 15:55

 جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

ئافغانىستان تالىبانلىرىنىڭ ئالىي رەھبىرى ئاخۇنزادە 9-ئاينىڭ 8-كۈنى تۇنجى قېتىم ئافغانىستان يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا مۇنۇلار تىلغا ئېلىندى: ئافغانىستاننىڭ قوشنا دۆلەتلەر، رايونلار ۋە دۇنياغا يەتكۈزگەن ئۇچۇرى شۇكى، ئافغانىستاننىڭ زېمىنى ھېچقانداق دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزۈشكە ئىشلىتىلمەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، كەلگۈسىدە ئافغانىستاننىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش قاتارلىق بىر قاتار ئىشلىرى ئىسلام شەرىئىتىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدۇ ھەمدە ئىسلام دىنىنىڭ رامكىسى ئىچىدە ئالاقىدار تەرتىپلەر ئىجرا قىلىنىدۇ. باياناتتا مۇنۇلار بىلدۈرۈلدى: يېڭى ھۆكۈمەت ھەر قانداق كىشى بىلەن دۈشمەنلىشىشنى خالىمايدۇ،ئافغانىستان بارلىق ئافغانىستان خەلقىنىڭ ئورتاق ماكانى، ھۆكۈمەت بارلىق كىشىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى ۋە تەلىپىگە ھۆرمەت قىلىدۇ ھەمدە بارلىق كىشىلەرنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى قوبۇل قىلىپ دۆلەتنى قايتا قۇرىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有