ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-14 10:10

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 15-سېنتەبىر شىئەندە رەسمىي باشلىنىدۇ، ھازىر تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى پۈتتى.

شەنشى ئۆلكىسى بۇ قېتىمقى مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ياخشى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، پۈتۈن ئۆلكىدىكى 13 شەھەر، رايوندا تۈرلۈك مەيدان، ساراي ئەسلىھەلىرىدىن 53نى قۇردى ۋە ئۆزگەرتتى. شىئەن ئوتتۇرا مەكتىپى تەنتەربىيە سارىيى دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ ئۆزگەرتىلگەن مەيدان ساراي بولۇش سۈپىتى بىلەن، 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئەرلەر ۋالىبول مۇسابىقىسىنىڭ U20 مۇسابىقىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ھازىر بارلىق تەييارلىق خىزمەتلىرى پۈتتى. 14-سېنتەبىر چۈشتە تۇنجى مەيدان مۇسابىقىنى ئۆتكۈزىدۇ.

14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئەرلەر ۋالىبول مۇسابىقىسىنىڭ U20 مۇسابىقىسى كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى، شىئەن شەھەرلىك ئىقتىساد تەرەققىيات رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىدىكى چيەن خۇۋېي مۇنداق دېدى: تۈرلۈك ئۈسكۈنىلەر تەييارلىنىپ بولدى، مەيدان سارايلارنىڭ بىخەتەرلىكى، ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش، يورۇتۇش، كۆپ ۋاسىتىلىك ئۈسكۈنىلەر قاتارلىق قاتتىق دېتال سىستېمىسى ۋە تۈرلۈك مۇسابىقە سايمانلىرى كۆپ قېتىم سىناق قىلىندى ۋە مەشىققە كاپالەتلىك قىلىندى، شۇنداقلا قەرەللىك رېمونت قىلىشقا ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، مۇسابىقە شارائىتى تامامەن ھازىرلاندى.

14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدە تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەلىپىگە ئاساسەن،مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغانلارنى نۇقتىدىن نۇقتىغا توشۇيدۇ ھەمدە پۈتۈن جەرياننى يېپىق ھالەتتە باشقۇرىدۇ. ھازىر تەنھەرىكەتچىلەر كەنتى داۋالاش مۇلازىمەت مەركىزى، تېخنىكا ئەمەلدارلىرى كەنتى ۋە تاراتقۇلار كەنتى داۋالاش پونكىتى، 14-نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەخسۇس قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسى قاتارلىقلار ئىشلىتىلىشكە باشلىدى. 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تېخنىكا ئەمەلدارلىرى كەنتى 13-سېنتەبىرگىچە، 1885 ئادەمنى كۈتۈۋالدى، ئۇلار بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ رېپىرىلىق ۋە نازارەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەلىپىگە ئاساسەن، تېخنىكا ئەمەلدارلىرى كەنتى يېپىق باشقۇرۇلىدۇ، بارلىق تېخنىكا ئەمەلدارلىرى ئاز دېگەندە ئىككى كۈندە بىر قېتىم نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرتىدۇ.

مۇسابىقە مەيدان-سارايلىرى مۇسابىقە ئالاھىدىلىكى ۋە تەنھەرىكەت تۈرىگە ئاساسەن يېپىق باشقۇرۇش رايونى ۋە يېپىق بولمىغان باشقۇرۇش رايونى دەپ ئايرىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا،تۈرلۈك خادىملارنىڭ مېڭىش لىنىيەسى بېكىتىلىپ، رايونلارنى ئايرىپ، گىرەلەشمە يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ.

14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى سۇغا سەكرەش تۈرى مۇسابىقە كومىتېتى داۋالىنىش كاپالىتى باشقارمىسىدىكى لى دۇڭسەن مۇنداق دېدى: ئىككى رايون يەنى يېپىق رايون بىلەن يېپىق بولمىغان رايون لىنىيەسى ئۆز ئارا كېسىشمەيدۇ، خادىملار خىزمەت رايونىغا ئۆزلىرىنىڭ بېرىش لىنىيەسى بويىچە بارىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا

14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 15-سېنتەبىر شىئەندە رەسمىي باشلىنىدۇ، ھازىر تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى پۈتتى.