جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسىدە تۈر سوممىسى 300 مىليارد يۈەندىن ئاشتى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:
18-نۆۋەتلىك جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسىدە ئىمزالانغان تۈرلەرگە سېلىنغان ئومۇمىي مەبلەغ سوممىسى 300 مىليارد يۈەندىن ئاشتى.
18-نۆۋەتلىك جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسى ۋە جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى سودا ۋە مەبلەغ سېلىش باشلىقلار يىغىنى 10-سېنتەبىردىن 13-سېنتەبىرگىچە گۇاڭشىنىڭ نەننىڭدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. كۆرگەزمىدە ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ ھەمكارلىقىدىكى يېڭى نەتىجە، يېڭى سودا پۇرسىتى نامايان قىلىنىپ، جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ھەمكارلىقىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلدى. يىغىندا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. خەلقئارا-دۆلەت ئىچى ھەمكارلىق تۈرىدىن 179نى ئىمزالاشقا ئۇيۇشتۇرۇلدى، ئومۇمىي سېلىنما سوممىسى 300 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، ئالدىنقى نۆۋەتتىكىدىن %13.7 ئاشتى، ئىمزالانغان تۈرلەرنىڭ ئومۇمىي سېلىنما سوممىسىدا تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورت يارىتىلدى.