ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئوتتۇرا رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئومۇمىيەت ئەھمىيىتىگە ئىگە

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-14 15:33

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى :ئوتتۇرا رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئومۇمىيەت ئەھمىيىتىگە ئىگە.

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 13-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن ئوتتۇرا رايوننىڭ يۇقۇرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىنى ئاچتى. يىغىندا دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى سۇڭ لياڭ يېقىندا ئېلان قىلىنغان «يېڭى دەۋردىكى ئوتتۇرا رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تونۇشتۇردى.

سۇڭ لياڭ مۇنداق دېدى: «پىكىر»دە يېڭى دەۋر تەلىپى تولۇق نامايان قىلىندى. مەۋقە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى تارىخىي يۆنىلىشكە كىرگەنلىكىگە قارىتىلىپ، يېڭى دەۋردىكى تەڭپۇڭسىزلىق، يېتەرسىزلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، ئىسلاھات،ئېچىۋېتىشنى يۇقىرى سەۋىيەدە ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش تەلىپى ئىگىلىنىپ، تەرەققىيات نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، خىزمەت ۋەزىپىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، تەدبىرلەر مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا «پىكىر»دە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت باش تېما تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھىر تەرەققىيات باشتىن-ئاخىر بىر پۈتۈن گەۋدە قىلىنىپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە يول تېپىشقا ئەھمىيەت بېرىلىپ، شەھەر-يېزا، رايونلارنى ماسلاشتۇرۇش جەھەتتە بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، ئېكولوگىيەنى يېشىللاشتۇرۇش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىنىپ، ئىچكى قۇرۇقلۇقنى ئېچىۋېتىش جەھەتتە كۈچ چىقىرىلىپ، مۇلازىمەتتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش جەھەتتە ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىلىپ، بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئوتتۇرا رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈلدى. 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئوتتۇرا رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئومۇمىيەت ئەھمىيىتىگە ئىگە

دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى :ئوتتۇرا رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئومۇمىيەت ئەھمىيىتىگە ئىگە.