ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسى قەرز يۇقىرى چېكىنى قىسقا مۇددەت ئۆستۈرۈش قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-10-13 16:27

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى قوشما ئىشتات ھۆكۈمىتىنىڭ قەرز يۇقىرى چېكىنى قىسقا مۇددەت ئۆستۈرۈش قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاپ، ھۆكۈمەتنىڭ قەرز ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىش خېيىم خەتىرىدىن ۋاقتىنچە ساقلاندى. كېڭەش پالاتاسى ئالدىنقى ھەپتە بۇ قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىغان بولغاچقا، بۇ قانۇن لايىھەسى ئارقىدىن زۇڭتۇڭ بايدىننىڭ ئىمزا قويۇپ كۈچكە ئىگە بولۇشىغا سۇنۇلىدۇ.

قەرزنىڭ يۇقىرى چېكى ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ قوشما ئىشتاتلىق ھۆكۈمەت ئۈچۈن تەسىس قىلغان، ھاسىل بولغان چىقىم قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن قەرز ئالغان ئەڭ يۇقىرى سوممىسى بولۇپ، بۇ «قىزىل سىزىق» قا چېقىلغانلىق ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ قەرز ئېلىش ھوقۇقىنى تولۇق ئىشلىتىپ بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. قوشما ئىشتات ھۆكۈمىتىنىڭ قەرز يۇقىرى چېكى ئىككى يىل توختىتىلغاندىن كېيىن بۇ يىل 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئەسلىگە كېلىپ كۈچكە ئىگە بولدى. ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى يېلېن 9-ئاينىڭ ئاخىرىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ قەرز ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىشتىن ساقلىنىشنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى ۋاسىتىسى مۆلچەرلىنىشىچە، پەقەت 10-ئاينىڭ 18-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن. 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسى قەرز يۇقىرى چېكىنى قىسقا مۇددەت ئۆستۈرۈش قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى

ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى قوشما ئىشتات ھۆكۈمىتىنىڭ قەرز يۇقىرى چېكىنى قىسقا مۇددەت ئۆستۈرۈش قانۇن لايىھەسىنى