20 دۆلەت گۇرۇھى ئافغانىستان مەسىلىسى بويىچە رەھبەرلەر ئالاھىدە يىغىنى ۋىدىيو شەكلىدە ئۆتكۈزۈلدى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:
20 دۆلەت گۇرۇھى ئافغانىستان مەسىلىسى بويىچە رەھبەرلەر ئالاھىدە يىغىنى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى ۋىدىيو شەكلىدە ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ رەئىس دۆلىتى ئىتالىيە زۇڭلىسىDraghi دىراجى رىياسەتچىلىك قىلدى، 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئەزالىرى، مېھمان دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ياكى ۋەكىللىرى ۋە ئالاقىدار خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشتى. دىراجى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئافغانىستان كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىگە دۇچ كەلمەكتە، 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئافغانىستاننىڭ ۋەزىيەتنى تېزدىن مۇقىملاشتۇرۇش، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىش مەسئۇلىيىتى بار. يىغىندا ئافغانىستاندا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تارقىلىشىنى قانداق توسۇش، ئافغانىستاننىڭ خەلقئارا تېررورىزمنىڭ پاناھگاھى بولۇپ قېلىشىدىن قانداق ساقلىنىش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى.