ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى: پىراۋىنى ئېلېكتىرونلاشتۇرۇش مەملىكەت بويىچە 2-تۈركۈمدە ئومۇملاشتۇرۇپ قوللىنىلىپ، 10-ئاينىڭ 20-كۈنى يېڭىدىن 110 شەھەردە ئىشلىتىلىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمائىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-10-13 16:31

 جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇشنىڭ «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدىكى «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈن بۇ يىل 10-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ، مەملىكەت بويىچە 1 - تۈركۈمدە كېڭەيتىپ ئىشلىتىش ئاساسىدا، پىراۋىنى ئېلېكتىرونلاشتۇرۇپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇشقا قولايلىق يارىتىش تەدبىرلىرى تەييۈەن، شېنياڭ، خاربىن قاتارلىق 110 شەھەردە 2-تۈركۈمدە ئومۇملاشتۇرۇلۇپ قوللىنىلىپ، شوپۇرلار توردا «كىنىشكا»، «كود» كۆرسىتىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىنىپ، ئىش بېجىرىش رەسمىيەت ماتېرىياللىرى يەنىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇلۇپ، كىنىشكا ئىشلىتىشنىڭ قولايلىق بولۇش دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشى، سەپەرگە چىقىشىغا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىلىپ، كارخانىلارنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىنىدۇ.

ئېلېكتىرونلۇق پىراۋىنىڭ ۋاقتىدا، ئوڭۇشلۇق تارقىتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 2-تۈركۈمدە ئومۇملاشتۇرۇلۇپ قوللىنىلىدىغان 110 شەھەر 10- ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە يۇقىرى پەللە مەزگىلدىن چەتنەپ توردا ئېلېكتىرونلۇق پىراۋا ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىش ئىقتىدارىنى يولغا قويىدۇ، شوپۇرلار بۇ يەردىكى يولغا قويۇش ۋاقتى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا سېلىشتۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش «قاتناش باشقۇرۇش 12123»APPسى ئارقىلىق ئېلېكتىرونلۇق پىراۋا ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

شەھەرلەر تارقاتقان ئېلېكتىرونلۇق شوپۇرلۇق كىنىشكىسى پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە كۈچكە ئىگە بولىدۇ، قاتناش باشقۇرۇش كەسپىنى بېجىرگەندە، قانۇن ئىجراسى بويىچە تەكشۈرگەندە بۇنى كۆرسىتىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ ھەمدە يولۇچى، يۈك تىرانسپورتى، ئاپتوموبىل ئىجارىگە بېرىش، سۇغۇرتا سېتىۋېلىش قاتارلىق ئىجتىمائىي ئەمەلىي سورۇنلارغا كېڭەيتىشكە بولىدۇ.


中央广播电视总台 央广网 版权所有

جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى: پىراۋىنى ئېلېكتىرونلاشتۇرۇش مەملىكەت بويىچە 2-تۈركۈمدە ئومۇملاشتۇرۇپ قوللىنىلىپ، 10-ئاينىڭ 20-كۈنى يېڭىدىن 110 شەھەردە ئىشلىتىلىدۇ

جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇشنىڭ «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدىكى