ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «زامانىۋى كەسپىي مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقاتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-10-13 16:35

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «زامانىۋى كەسپىي مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقاتتى.

«پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: كەسپىي مائارىپ خەلق مائارىپى سىستېمىسى ۋە ئادەم كۈچى بايلىقىنى ئېچىشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، كۆپ خىل ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، تېخنىكا ماھارىتىگە ۋارىسلىق قىلىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت مۇھىم مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغان. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە، كەسپىي مائارىپنىڭ ئىستىقبالى پارلاق.

پارتىيە رەھبەرلىكىدە، توغرا مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيىلەشتە، تىپ ئورنىنى سەرخىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئادەم تەربىيىلەش ئۇسۇلى، مەكتەپ باشقۇرۇش ئەندىزىسى، باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى، كاپالەت مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسپىي مائارىپنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، زامانىۋى كەسپىي مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ماھارەت تىپىدىكى جەمئىيەت بەرپا قىلىپ، ھۈنەرۋەنلەر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى ساپالىق تېخنىكا-ماھارەت ئىختىساسلىقلىرى، ھۈنەرۋەنلەر، چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنى كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار تېرىكى ۋە ماھارەت تىرىكىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

ئاساسلىق نىشان: 2025-يىلىغا بارغاندا، كەسپىي مائارىپنىڭ تىپ ئالاھىدىلىكىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، زامانىۋى كەسپىي مائارىپ سىستېمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىپ، ماھارەت تىپىدىكى جەمئىيەت قۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش. مەكتەپ باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى تېخىمۇ سەرخىللاشتۇرۇپ، مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلاپ، كەسپىي تولۇق كۇرس مائارىپى بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنىڭ ئالىي كەسپىي مائارىپ بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنىڭ %10 ئىدىن تۆۋەن بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، كەسپىي مائارىپنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى ۋە تەربىيەلەش سۈپىتىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش.

2035-يىلىغا بارغاندا، كەسپىي مائارىپنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسى دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتكۈزۈلۈپ، ماھارەت تىپىدىكى جەمئىيەت ئاساسىي جەھەتتىن قۇرۇپ چىقىلىدۇ. تېخنىكا، ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلۈپ، كەسپىي مائارىپ تەمىناتى بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئېھتىياجى يۈكسەك ماسلاشتۇرۇلۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى رولى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىلىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «زامانىۋى كەسپىي مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقاتتى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «زامانىۋى كەسپىي مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقاتتى