ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ب د ت «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى»نى تۈزگۈچى تەرەپلەر كېڭىشىنىڭ 15-قېتىملىق يىغىنىنىڭ مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-10-13 16:37

 جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى كېڭىشىنىڭ 1-باسقۇچلۇق يىغىنىنىڭ مىنىستىر دەرىجىلىكلەر ئومۇمىي يىغىنى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى ئېچىلدى، يىغىنغا قاتناشقان مېھمانلار «يەر شارى ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلايلى» قاتارلىق تېمىلاردا مۇزاكىرىلەشتى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» تۈزگۈچى تەرەپلەر كېڭىشىنىڭ 15-قېتىملىق يىغىنىنىڭ رەئىسى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى خۇاڭ رۈنچيۇ يىغىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە يەر شارىدا ھايۋاناتلار تۈرىنىڭ يوقىلىش سۈرئىتى ئۈزلۈكسىز تېزلىشىۋاتىدۇ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنىڭ يوقىلىشى ۋە ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ چېكىنىشى ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا زور خەۋپ-خەتەر ئېلىپ كەلدى.

يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىردەك: جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقى ۋە ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنىڭ ئاساسى دەپ قارىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 2020-يىلىدىن كېيىنكى يەر شارى بويىچە جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىش ئەڭ مۇھىم دەپ، تەكىتلىدى.

بىرىنچى باسقۇچلۇق يىغىنىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا 10-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن كېيىن «ئېكولوگىيە مەدەنىيىلىكىگە قەدەم قويۇپ، يەر شارى ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش-كۇنمىڭ خىتاپنامىسى» ئېلان قىلىنىدۇ. يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى تەرەپلەر بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشقا ئېنىق سىياسەت يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇھىت پىلان مەھكىمىسىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى ئىنگ ئاندېرسون مۇنداق دېدى: «كۇنمىڭ خىتابنامىسى (لايىھە)سى» بىزنىڭ ئىنتايىن يۈكسەك ئىرادىمىز ۋە ئىنتايىن ئېنىق رامكىمىزنى نامايان قىلدى، بىزنىڭ رامكىمىز ئايرىم يولغا قويىلىدىغان رامكا ئەمەس، ئۇ چوقۇم تېخىمۇ كەڭ بولغان پۈتكۈل مەدەنىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن تەڭ ئەمەلگە ئېشىشى كېرەك.



中央广播电视总台 央广网 版权所有

ب د ت «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى»نى تۈزگۈچى تەرەپلەر كېڭىشىنىڭ 15-قېتىملىق يىغىنىنىڭ مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى كېڭىشىنىڭ 1-باسقۇچلۇق يىغىنىنىڭ مىنىستىر دەرىجىلىكلەر ئومۇمىي يىغىنى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى ئېچىلدى،