ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ۋاڭ ياڭ كامبودژا كېڭەش پالاتاسىنىڭ رەئىسى سەيچۇڭ بىلەن كۆرۈشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-10-13 16:48

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ 10-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭدا ۋىدىيو شەكلىدە كامبودژا كېڭەش پالاتاسىنىڭ رەئىسى سەيچۇڭ بىلەن كۆرۈشتى.

ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن كامبودژا ئەنئەنىۋى دوستلار، بۇلتۇردىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ پادىشاھ سىخامونى ۋە خان ئانىسى مونىلې بىلەن كۆرۈشۈپ، خان ئانىسى مونىلىغا دوستلۇق ئوردېنى تارقىتىپ، باش ۋەزىر خۇڭسېن بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى ساقلاپ، جۇڭگو ـ كامبودژا مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىكى ۋە ئالاھىدىلىكىنى تولۇق نامايان قىلدى. ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىگە بولغان سىياسىي يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە ئۆز-ئارا قەتئىي قوللاپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ ، بىر يول» نى بىرلىكتە قۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتى كامبودژا كېڭەش پالاتاسى بىلەن ھەر قايسى قاتلاملاردىكى ئالاقىنى داۋاملىق ساقلاپ، جۇڭگو - كامبودژا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن پائال تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ.

سەيچۇڭ جۇڭگونىڭ قولغا كەلتۈرگەن شانلىق نەتىجىلىرىنى تەبرىكلىدى، جۇڭگونىڭ كامبودژانى ئۇزاقتىن بۇيان قوللاپ كەلگەنلىكى ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى، جۇڭگو بىلەن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى،كامبودژا كېڭەش پالاتاسىنىڭ جۇڭگو سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتى بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كامبودژا ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ۋاڭ ياڭ كامبودژا كېڭەش پالاتاسىنىڭ رەئىسى سەيچۇڭ بىلەن كۆرۈشتى

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ 10-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭدا ۋىدىيو شەكلىدە كامبودژا كېڭەش پالاتاسىنىڭ رەئىسى سەيچۇڭ بىلەن كۆرۈشتى.