ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىستانسىمىز مۇخبىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرەققىيات-پىلان مەھكىمىسىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى بەي ياتىڭنى مەخسۇس زىيارەت قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-10-13 17:18

 جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى»نى تۈزگۈچى تەرەپلەر يىغىنىنىڭ 15-قېتىملىق يىغىنىنىڭ 1-باسقۇچلۇق يىغىنى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى يۈننەننىڭ كۇنمىڭدا ئېچىلدى.

بۇ قېتىمقى «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى»نى تۈزگۈچى تەرەپلەر يىغىنىنىڭ 15-قېتىملىق يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرەققىيات-پىلان مەھكىمىسىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى بەي ياتىڭ باش ئىستانسا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى، ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۇنيادىكى رەھبەرلەرنىڭ جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش ئۇلۇغۋار پىلانى ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىشىنىڭ ئەھمىيىتى زور. ھازىرقى دەۋردە تۈرلەرنىڭ يوقىلىش سۈرئىتى تېز بولماقتا. بىز يىغىننىڭ جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش جەھەتتە پارىژ كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرغىنىغا ئوخشاش تەسىر كۈچى پەيدا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. يۈننەن جۇڭگودىكى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەڭ مول جاي، مەن يۈننەندە بىر نەچچە كۈن تۇرۇپ، يۈننەننىڭ تېخىمۇ كۆپ گۈزەل مەنزىرىسى ۋە تۇرمۇشىنى ھېس قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇ يەنە يۈننەننىڭ ياۋا ئاسىيا پىلىنىڭ كۆچۈش ھېكايىسى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى، دېدى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有