يۈننەن كۈنمىڭ «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى»نى تۈزگۈچى تەرەپلەر يىغىنىنىڭ 15- قېتىملىق يىغىنىدا جۇڭگو ئەمەلىيىتى كەڭ دائىرىدە مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:
«جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى»نى تۈزگۈچى تەرەپلەر يىغىنىنىڭ 15-قېتىملىق يىغىنىنىڭ 1-باسقۇچلۇق يىغىنى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى يۈننەننىڭ كۇنمىڭدا ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
«جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى»نى تۈزگۈچى تەرەپلەر يىغىنىنىڭ 15-قېتىملىق يىغىنىغا 140 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن 4000 دىن ئارتۇق ۋەكىل توردا ۋە تور سىرتىدا ماس قەدەمدە قاتناشتى. بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ساھىبخان دۆلىتى بولغان جۇڭگونىڭ جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى يىغىنغا قاتناشقان مېھمانلار كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتىلىق تېمىغا ئايلاندى.