ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە ئېلىمىز ئىقتىسادى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.8 ئاشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-10-20 09:19

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 18-ئۆكتەبىر مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 82 تىرىليون 313 مىليارد 100 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.8 ئېشىپ، ئىككى يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %5.2 ئاشتى. ئاساسلىق ماكرولۇق كۆرسەتكۈچلەر ئومۇمىي جەھەتتىن مۇۋاپىق ئارىلىقتا بولدى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، ئاھالىلەرنىڭ كىرىمى داۋاملىق ئاشتى، خەلق ئىگىلىكى سىجىل ئەسلىگە كەلدى ۋە راۋاجلاندى.

بىر قەدەر ياخشى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنىڭ ئەۋرىشىملىكى ۋە يوشۇرۇن كۈچىدىن كەلدى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە كۆلەملەشكەن سانائەت ئىچىدە يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىقنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20.1 ئاشتى. ئۇچۇر يەتكۈزۈش، يۇمشاق دېتال ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19.3 ئاشتى. چىڭخۇا داشۆسى ئىگىلىك باشقۇرۇش شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى، چىڭخۇا داشۆسى جۇڭگو ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي سانلىق مەلۇمات تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى شۈ شيەنچۈن: ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ سىجىل ئەسلىگە كېلىشىگە ئەگىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئېلىمىزنىڭ كەسىپلىرى داۋاملىق ياخشىلىنىدۇ،دېدى.

ئىقتىسادنىڭ سىجىل ئەسلىگە كېلىشىگە ئەگىشىپ، تەكشۈرۈلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتى مۇقىم تۆۋەنلىدى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە مەملىكەت بويىچە شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 10 مىليون 450 مىڭغا يېتىپ، يىللىق نىشان ۋەزىپىسىنىڭ %95 ى تاماملاندى. دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى، خەلق ئىگىلىكى ئۇنىۋېرسال ئىستاتىستىكا مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى فۇ لىڭخۇي مۇنداق دېدى: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتى داۋاملىق كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم بېرىپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، دېھقان ئىشلەمچىلەر قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرى ياخشىلاندى، بۇ شەھەر-بازارلاردىكى تەكشۈرۈلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ مۇقىم تۆۋەنلىشىگە تۈرتكە بولدى. سۇپا ئىقتىسادى، جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ تەرەققىياتى ئەمگەكچىلەرنى تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش تاللىشىغا ئىگە قىلدى.

3-پەسىلدىن بۇيان گەرچە قىسمەن رايونلاردا ئېغىر تەبىئىي ئاپەت يۈز بېرىپ، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشقا بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن فۇ لىڭخۇي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ كىلىمات شارائىتى ئومۇمىي جەھەتتىن بىر قەدەر مۇۋاپىق بولدى، ئېتىز-ئېرىق پەرۋىشى ۋە ئاپەتنى ئازايتىش تەدبىرلىرى كۈچلۈك بولدى. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ مۇقىم بولۇشى خەلق ئىگىلىكىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا پايدىلىق، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشىغىمۇ پايدىلىق بولۇپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ياخشى ئاساس سالىدۇ.

فۇ لىڭخۇي مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىقتىساد سىجىل ئەسلىگە كېلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا قاراپ قەدەم بېسىش ۋەزىيىتى ئۆزگەرمەيدۇ، ئېلىمىزنىڭ پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ كۆزلىمىدىكى نىشان ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنلاشقا ئىقتىدارى ۋە شارائىتى بار.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە ئېلىمىز ئىقتىسادى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.8 ئاشتى

فۇ لىڭخۇي مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىقتىساد سىجىل ئەسلىگە كېلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا قاراپ قەدەم بېسىش ۋەزىيىتى ئۆزگەرمەيدۇ، ئېلىمىزنىڭ پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ كۆزلىمىدىكى نىشان ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنلاشقا ئىقتىدارى ۋە شارائىتى بار.