ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى جەنشۇ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن سۆھبەتلەشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-10-21 09:35

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 21-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ 20-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 31-سانلىق يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشقان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 50 نەچچە ۋەكىلى بىلەن سۆھبەتلەشتى ۋە پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەركەز خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش كېرەك.

ۋەكىللەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش تەسىراتلىرىنى ئالماشتۇردى. لى جەنشۇ كۆپچىلىكنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى-ماركسىزملىق ھەقىقەت كۈچىگە تولغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. ھازىر ۋە بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، يىغىننىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش-مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ زور سىياسىي ۋەزىپىسى شۇنداقلا ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ زور سىياسىي ۋەزىپىسى.

لى جەنشۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى زور سىياسىي مەسئۇلىيەت، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت، قانۇن مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئالغان. باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىغا ئاساسەن، پارتىيەگە، خەلققە، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا سادىق بولۇش، خەلقنىڭ مەنپەئەتى ۋە ئىرادىسىگە سادىق بولۇش كېرەك. يۇقىرى ئۆلچەم، قاتتىق تەلەپتە چىڭ تۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ياخشى ئوبرازىنى ھەسسىلەپ قەدىرلەش ۋە ئاڭلىق تۇرغۇزۇش لازىم.

لى جەنشۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: خەلق ئارىسىدىن كېلىش، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىش ئالاھىدىلىكى، ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دىققەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ زور تەدبىر ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا، خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇ-ئۈمىدلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسى بىلەن ئالاقە باغلاشنىڭ مەزمۇنى ۋە شەكلىنى بېيىتىش شۇنداقلا خەلقنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن زىچ ئالاقە باغلىشىدىكى ياخشى كۆۋرۈك، ياخشى ۋاسىتە بولۇش كېرەك.

لى جەنشۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا ناھايىتى كۈچلۈك قانۇنىيچانلىق، تەشكىلچانلىق، تەرتىپچانلىققا ئىگە، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى مېڭىسىنى سەگەك تۇتۇپ، ۋەكىللىك رولىنىڭ ئورنى، مەسئۇلىيىتى، بۇرچى ۋە ھەرىكەت ھوقۇقى ئۇسۇلىنى توغرا تونۇپ، ۋەكىللىك سالاھىيىتىگە بولغان تونۇشتا ئېغىپ كەتمەسلىكى، زىممىسىگە ئالغان مەسئۇلىيىتىنىڭ ئورنىدا ئېغىپ كەتمەسلىكى، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ھوقۇقى دائىرىسىدە ئېغىپ كەتمەسلىكى، خەلق بەرگەن ھوقۇقنى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا ئىشلىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

لى جەنشۇ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن سۆھبەتلەشتى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ 20-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 31-سانلىق يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشقان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 50 نەچچە ۋەكىلى بىلەن سۆھبەتلەشتى ۋە پىكىر ئالماشتۇردى.