ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شىنجاڭنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى %8.8 ئاشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-11-09 17:00

 

 

«شىنجاڭ ياخشى جاي»-ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە شىنجاڭنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.8 ئاشتى

مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1 تىرىليون 139 مىليارد 614 مىليون يۈەن بولۇپ، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.8 ئېشىپ، ئىككى يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %5.4 ئاشقان. پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىدا «مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىلگىرىلەش داۋامىدا ئاساسنى مۇستەھكەملەش، ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش»تىن ئىبارەت تەرەققىيات ۋەزىيىتى نامايان بولغان.

ئۈچ كەسىپتىن قارىغاندا، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى زور دەرىجىدە ئېشىپ، ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارىدا يەنە يېڭى رېكورت يارىتىلغان؛ سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى مۇقىم بولغان، يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق زور دەرىجىدە ئاشقان؛ مۇلازىمەت كەسپى تېز سۈرئەتتە ئۆرلىگەن، قاتناش-تىرانسپورت كەسپىنىڭ تىرەكلىك رولى گەۋدىلىك بولغان.

دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشىچە، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 324 مىليارد 371 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.3 ئاشقان، ئىككى يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %6.2 ئاشقان. كۆلەملەشكەن سانائەت كارخانىلىرىنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %10.8 ئېشىپ، ئىككى يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %8.4 ئاشقان؛ يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىقنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %54.8 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 43.1 پوئىنت يۇقىرى بولغان. 1-ئايدىن 8-ئايغىچە، كۆلەملەشكەن مۇلازىمەت كەسپى كارخانىلىرى ئىشقا ئاشۇرغان تىجارەت كىرىمى 189 مىليارد 8 مىليون يۈەن بولۇپ، ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %19.1 ئاشقان، ئىككى يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %3.8 ئاشقان.

ئېھتىياج نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا سېلىنما، ئىستېمال ۋە ئېكسپورتتا ئېشىش ۋەزىيىتى نامايان بولۇپ،  ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە ھەرقايسىسى ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرغان.

مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى سىجىل ئاشقان، ئەلئارا سېلىنمىنىڭ سالمىقى زورايغان. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى(دېھقان ئائىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %23.2 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 5.9 پوئېنت يۇقىرى بولۇپ، ئىككى يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %20.2 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئەلئارا  سېلىنما ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %48 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 36.7 پوئېنت يۇقىرى بولۇپ، مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %40.1 بولغان.

ئىستېمال بازىرى ئەسلىگە كېلىش خاراكتېرلىك ئېشىپ، ئەسلىگە كېلىشى 2019-يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكى سەۋىيەگە يەتكەن. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 256 مىليارد 123 مىليون يۈەن بولۇپ، ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %24.6 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 44.2 پوئېنت يۇقىرى بولغان.

ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى ئازراق ئاشقان، ئېكسپورتقا تاپشۇرۇلغان سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ مال قىممىتى بىرقەدەر تېز ئاشقان. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 110 مىليارد 790 مىليون يۈەن بولۇپ، ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %2.9 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە ئېكسپورت 87 مىليارد 590 مىليون يۈەن بولۇپ، %14.9 ئاشقان، ئېكسپورتقا تاپشۇرۇلغان سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ مال قىممىتى 9 مىليارد 929 مىليون يۈەن بولۇپ، ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %20 ئاشقان.

ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىم پەرقى كىچىكلىگەن. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر-بازارلىرىدا 440 مىڭ 500 كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىپ، يىللىق نىشان-ۋەزىپىنىڭ %95.8ى ئورۇندالغان؛ ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغان 28 مىڭ 200 كىشى ئىشقا ئورۇنلاشقان. شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 27 مىڭ 785 يۈەن بولۇپ، ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %9 ئاشقان، باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە ئەمەلىي ئېشىش نىسبىتى %7.7 بولغان؛ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 4864 يۈەن بولۇپ، %11.5 ئاشقان، باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە ئەمەلىي ئېشىش نىسبىتى %10.2 بولغان. شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىم سېلىشتۇرمىسى ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكى 5.84تىن 5.71گە كىچىكلىگەن.

سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنىڭ جىپسىلىشىشى ياخشى بولغان، سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئۈنۈمى ھەسسىلەپ ئاشقان. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئىشقا ئاشۇرۇلغان سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىش قىممىتى 994 مىليارد 879 مىليون يۈەن بولۇپ، ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %33.7 ئاشقان، ئىشلەپچىقىرىش-سېتىش نىسبىتى %99.4 بولۇپ، ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 2.7 پوئېنت يۇقىرى بولغان. 1-ئايدىن 8-ئايغىچە، كۆلەملەشكەن سانائەت كارخانىلىرى ئىشقا ئاشۇرغان تىجارەت كىرىمى 931 مىليارد 747 مىليون يۈەن بولۇپ، ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %33.9 ئاشقان؛ ئىشقا ئاشۇرۇلغان پايدا 127 مىليارد 963 مىليون يۈەن بولۇپ، 1.8 ھەسسە ئېشىپ، ئىككى يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %53.2 ئاشقان.

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شىنجاڭنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى %8.8 ئاشتى

«شىنجاڭ ياخشى جاي»-ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە شىنجاڭنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.8 ئاشتى