ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

100 يىللىق كۈرەشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاشتىكى قالتىس رەھبەرلىك، قالتىس مۇۋەپپەقىيەت

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-11-15 16:29

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 15-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىدا مول مۇھىم سىياسىي نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى. ئومۇمىي يىغىندا «جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ يۈز يىللىق كۈرەشتىكى زور مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە تارىخىي تەجرىبىلىرى توغرىسىدىكى قارارى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى. «ئىككىنى بىكىتىش» ھۆكۈمى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، پارتىيەنىڭ يولداش شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچى ئورنىنى بېكىتىشى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈردى، بۇ يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ كۆرسىتىلدى.

مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى (دۆلەتلىك مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شېن چۈەنلياڭ مۇنداق دېدى: بىرىنچىسىنى«بىكىتىىش»بىر خىل تارىخىي قانۇنىيەتنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، پارتىيەمىزنىڭ تارىخنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىگىلىگەنلىكىنى گەۋدىلەندۈردى، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ تارىخىي ئېڭىنىڭ بىر خىل مەركەزلىك نامايان بولغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈردى؛ ئىككىنچىسىنى«بېكىتىش»تە ئىدىيە قاتلىمىدىكى ئىشلار تەكىتلەنگەن، بىز بۇ ئىدىيەنىڭ يېتەكچىلىكىدە، يېڭى دەۋرنىڭ ئىلگىرىلەش يولىدىكى زور قىيىنچىلىق، خەۋپ-خەتەر، خىرىسلارنى يېڭەلەيمىز. بۇ ئىككىنى«بېكىتىش» ھەم نەزەرىيەۋى قىممەتكە، ھەم ئەمەلىي قىممەتكە ئىگە.

پارتىيەنىڭ يولداش شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچى ئورنىنى بېكىتىشى−دەۋرنىڭ چاقىرىقى، تارىخنىڭ تاللىشى، ئەل رايىنىڭ مايىللىقى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ بارلىققا كىلىشى تۈپ نېگىزىدىن ئېيتقاندا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يول باشلىغانلىقى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يۆنىلىشكە يېتەكچىلىك قىلغانلىقىدىن بولدى.

مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ۋۇ دېگاڭ مۇنداق دېدى: يېڭى دەۋردە ۋەزىپىمىز ئىنتايىن مۈشكۈل، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى يېتەكلەپ، نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، «تۆت چوڭ سىناق»، «تۆت خىل خەۋپ»كە تاقابىل تۇرۇپ، يېڭى تارىخىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ياراتتى، ئەمەلىيەت يادرونىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى، يېتەكچى ئىدىيەنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئىسپاتلىدى.

بېيجىڭ سىفەن داشۆسى جۇڭگو كومپارتىيەسى پارتىيە تارىخى، پارتىيە قۇرۇلۇشى تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ بىڭلىن مۇنداق دېدى: بىزنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تەكىتلىشىمىزنىڭ ئۆزى ئىجادىي، ماس، ئوچۇق، يېشىل، ھەمبەھرە سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت، بۇلارنىڭ ھەممىسى تەرەققىياتىمىزدىكى يېڭى ئىدىيەلەر، ھەممىسى ئىجادىي خاراكتېرگە ئىگە، ھەممىسى ئەمەلىي تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش، ھەممىسى رېئال مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش داۋامىدا يېڭى نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىز «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قاتارلىقلارنى تەكىتلىدۇق، بۇلارنىڭ ھەممىسى يېڭى ئىستراتېگىيەمىز، شۇڭا بۇلارنىڭ ھەممىسى دەۋر تېمىسىغا بېرىلگەن ئېنىق جاۋاب. بۇ دەۋر ۋەزىيىتىنى ئىگىلىگەنلىكىمىز، ئەمەلىيەتنى چوڭقۇر كۆزەتكەنلىكىمىز، خەلقئارا ۋەزىيەتكە ھۆكۈم قىلغانلىقىمىز ۋە ئەمەلىي تەجرىبىلەرنى يەكۈنلىگەنلىكىمىز، يۈكسەلدۈرگەنلىكىمىزنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.

بىپايان دېڭىزنى كىزىش داۋامىدا قەھرىمانلارنىڭ خىسلىتى نامايان بولىدۇ. دۇنيادا يۈز يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ دۇنيادا كەڭ تارقىلىشى ئالدىدا، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش زور ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چىقىرىشتىن پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى يېتەكلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئومۇمىي جېڭى، تاقابىل تۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقىچە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، نىشاننى بېكىتىپ، كەسكىن تەدبىر بەلگىلەپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيە ۋە خەلقنى يېتەكلەپ توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، ھاللىق جەمئىيەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقتى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقا بولغان ئۇلۇغ يۈكسىلىشنى كۈتۈۋالدى.

ۋۇ دېگاڭ مۇنداق دېدى: پاكىت مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان دەرىجىدە ئىسپاتلىدىكى،"ئىككىنى بېكىتىش" ۋۇجۇدقا چىققاندىن كېيىن، پارتىيەمىزنىڭ ئىشلىرى تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلدى،سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ قەدىمى تېخىمۇ پۇختا بولدى، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئارزۇسى تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىدە ئىشقا ئاشتى. شۇنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇكى، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، بىز يېڭى مۇساپىدە، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش جەريانىدا،«ئىككىنى بېكىتىش»چوقۇم تېخىمۇ قۇدرەتلىك مەنىۋى يېتەكچىلىك كۈچىنى جارى قىلدۇرىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

100 يىللىق كۈرەشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاشتىكى قالتىس رەھبەرلىك، قالتىس مۇۋەپپەقىيەت

پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىدا مول مۇھىم سىياسىي نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى. ئومۇمىي يىغىندا «جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ يۈز يىللىق كۈرەشتىكى زور مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە تارىخىي تەجرىبىلىرى توغرىسىدىكى قارارى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.