ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

2021·جۇڭگو شىنجاڭ تەرەققىيات مۇنبىرى ئۆتكۈزۈلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-11-16 09:08

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 16-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇرغان «2021·جۇڭگو شىنجاڭ تەرەققىيات مۇنبىرى» 15-نويابىر، جۇڭگو ۋە ئارگېنتىنا، لائوس قاتارلىق 30 نەچچە دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ ۋەكىللىرى مۇنبەرگە قاتناشتى. يىغىنغا قاتناشقان ئەربابلار پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئىجابىي باھا بەردى شۇنداقلا شىنجاڭ ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا ئەقىل-چارە كۆرسەتتى.

«بىر بەلباغ، بىر يولنى تەڭ قۇرۇش ۋە شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى»-بۇ قېتىمقى مۇنبەرنىڭ باش تېمىسى بولدى. مۇنبەردە، سودا-سانائەت ساھەسى، مەدەنىيەت تاراتقۇ ساھەسى، ئىلىم ساھەسىدىن ئىبارەت ئۈچ تارماق مۇنبەر تەسىس قىلىندى. 2015-يىلى جۇڭگو ھۆكۈمىتى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارزۇسى ۋە ھەرىكىتىنى ئېلان قىلىپ، شىنجاڭنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يادرولۇق رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى ئايدىڭلاشتۇردى. بۈگۈنكى شىنجاڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇشىنىڭ مۇھىم يولىغا ئايلىنىپ، جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش، ئەتراپلىق ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى مۇھىم ھالقىسىغا ئايلاندى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇۋەققەت رەئىسى ئەركىن تۇنىياز تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تىنچلىق، مۇقىملىققا بولغان ئارزۇسى ۋە ئۈمىدىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇردى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، شىنجاڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بىر تىرىليون 139 مىليارد 614 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.8 ئاشتى. شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلىكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم %9 ۋە %11.5 ئاشتى.

يىغىنغا قاتناشقان شىنجاڭ ۋەكىللىرى شىنجاڭنىڭ بارلىق ئىشلىرى ئوچۇق-ئاشكارا، سەمىمىي دېدى. ئىلگىرى شىنجاڭغا زىيارەتكە كەلگەن چەتئەللىك مېھمانلار مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا، شىنجاڭغا بارساقلا ئۇ يەردىكى تەرەققىيات، ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلالايمىز دېدى. ئارگېنتىنانىڭ جۇڭگودىكى باش ئەلچىسى نيۇ ۋاڭداۋ مۇنداق دېدى: مەن تېخىمۇ كۆپ چەتئەللىك دوستلارنىڭ ماڭا ئوخشاش شىنجاڭغا كېلىپ كۆرۈپ بېقىشى، پاكىتنى سۆزلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەممىدە ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئىشلارنى ئاساس قىلىش كېرەك. جۇڭگو قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر ھەممىگە ئايان، مەسىلەن، جۇڭگو قۇرۇلما خاراكتېرلىك نامراتلىقنى ئۈزۈل-كېسىل تۈگەتتى. بىز كىشىلەرگە بۇ پاكىتلارنى تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىشىمىز شۇنداقلا ئۇنىڭغا گۇۋاھ بولۇشىمىز كېرەك.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

2021·جۇڭگو شىنجاڭ تەرەققىيات مۇنبىرى ئۆتكۈزۈلدى

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇرغان «2021·جۇڭگو شىنجاڭ تەرەققىيات مۇنبىرى» 15-نويابىر، جۇڭگو ۋە ئارگېنتىنا، لائوس قاتارلىق 30 نەچچە دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ ۋەكىللىرى مۇنبەرگە قاتناشتى.