ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جايلار پارتىيە 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ خەلقنى غەمدىن خالاس قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-12-22 16:19

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 22-دېكابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

جايلار پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئۆگىنىش نەتىجىسىنى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

گۈيجۇ ئۆلكىسىنىڭ گۇيياڭدا پارتىيەلىك كادىرلار مەھەللىلەر، كارخانىلار ۋە يېزىلارغا بېرىپ 6-ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلەپ، «ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزش پائالىيىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈردى. يەرلىك كەپىلىك رايونلار، كونا مەھەللىلەر ۋە ئارقا كوچىلارنى ئۆزگەرتىشكە بىرلەشتۈرۈپ، 15 مىنۇتلۇق تۇرمۇش چەمبىرىكى قۇرۇلۇشىنى باشلاپ، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، سەھىيە قاتارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەتتىكى كەمتۈكلۈكنى تېز تولۇقلىدى.

ئەمەلىي ئىش قىلىپ، خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىپ، ئاممىنى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن قىلىش كېرەك. گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىنىڭ شېنجېندا مائارىپ تارماقلىرى كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇش سانى يېتىشمەسلىك مەسىلىسى ۋە نوپۇسى باشقا جايدا بولغانلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇشتىكى باش قېتمچىلىقىنى ھەل قىلدى. جياڭشى ئۆلكىسى لۇشى ناھىيەسى يېزا يەسلى مائارىپىدىكى ئاجىز ھالقىلارنى مەركەز قىلىپ، ھەر بىر يېزا-بازاردا ئاز دېگەندە بىردىن ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مەركىزىي يەسلى قۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا «پۇقراۋى يەسلىلەرنى ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى»نى يولغا قويۇپ، يەسلى مائارىپى ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈش، ئەلا سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىچكى موڭغۇلنىڭ كۆكخوتتا تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى، تەبىئىي بايلىق قاتارلىق كۆپلىگەن تارماقلار بىرلىشىپ، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئۆيگە كۆچۈپ كىرىش، كۆچۈرۈش، كىنىشكا بېجىرىش قىيىن بولۇش قاتارلىق تارىختىن قېپقالغان مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، تاۋار ئۆيلەرنى تاپشۇرغاندا ئۆي كىنىشكىسىنىمۇ بەردى؛ چۇڭچىڭنىڭ يۈبېي رايونى دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئولتۇراقلىشىش ئىقتىدارى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈردى؛ شەندۇڭنىڭ يىيۈەن ناھىيەسى ناھىيە، بازار، كەنتتىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك تەشۋىقات كۈچلىرىگە تايىنىپ، 6-ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ھەممە كەنت ئاھالىلىرىگىچە يەتكۈزدى ھەمدە لېكسىيە سۆزلەش ئارقىلىق ئاممىغا قولايلىق يارىتىدىغان ئۇنىۋېرسال گەۋدىنى بەرپا قىلىپ، سۈيجياجۇاڭ كەنتىدە ياشانغانلار ئاشخانىسى، ئەلنەپ شىپاخانىسى، سائەت تۆت يېرىم دەرسخانىسى قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىگە قولايلىق يارىتىپ بەردى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جايلار پارتىيە 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ خەلقنى غەمدىن خالاس قىلدى

جايلار پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئۆگىنىش نەتىجىسىنى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى.