ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 32-سانلىق يىغىنى ئېچىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-12-22 16:25

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 22-دېكابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 32-سانلىق يىغىنىنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنى 21-دېكابىر چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا ئېچىلدى. كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا، ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى خۇ كەينىڭ گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن بەرگەن 2020-يىللىق مەركەز خامچوتىنىڭ ئىجراسى ۋە باشقا مالىيە كىرىم-چىقىمىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشتا تەكشۈرۈپ چىقىلغان مەسىلىلەرنى تۈزەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. دوكلاتتا، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىپ تۈزەش خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى ۋە ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشتا تەكشۈرۈپ چىقىلغان مەسىلىلەرنى تۈزەش ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلدى ھەم كېيىنكى خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

يىغىندا، مۇئاۋىن يېزا ئىگىلىكى، يېزا مىنىستىرى دېڭ شياۋگاڭنىڭ گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن بەرگەن يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئۇششاق دېھقان ئائىلىلىرى بىلەن زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئورگانىك تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. دوكلاتتا، يېزا ئىگىلىكىنى ئىجتىمائىيلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سىياسەت جەھەتتىن قوللاش، ئاساسىي شارائىت، تۈزۈلمە-مېخانىزمدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ كاپالەتنى كۈچەيتىش كېرەك دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

يىغىندا، مۇئاۋىن مالىيە مىنىستىرى يۈ ۋېيپىڭنىڭ گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن بەرگەن مالىيە قاتناش-تىرانسپورت مەبلىغىنى تەقسىملەش ۋە ئىشلىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. دوكلاتتا، مالىيە سېلىنمىسىنى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مالىيە چىقىمى قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، مالىيەنىڭ يېتەكلەش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، مالىيە مەبلىغىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

بۇ يىل 7-ئايدىن 9-ئايغىچە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى قانۇن ئىجراسى جەھەتتىن تەكشۈردى. يىغىندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ساۋ جيەنمىڭنىڭ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. دوكلاتتا، قانۇننى يولغا قويۇش ئومۇمىي ئەھۋالى ۋە ساقلانغان مەسىلىلەر تونۇشتۇرۇلۇپ، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خىزمىتىنىڭ ھەرىكەتچانلىقىنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىنىڭ جامائەتچىللىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش كېرەك دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

بۇ يىل 8-ئايدىن 10-ئايغىچە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئوت مۇداپىئە قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى قانۇن ئىجراسى جەھەتتىن تەكشۈردى. يىغىندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ چۈنشيەننىڭ ئوت مۇداپىئە قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. دوكلاتتا، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى تەشكىللەپ يولغا قويۇش ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلۇپ، ئوت مۇداپىئە قانۇنىنى تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم بىلەن ئومۇميۈزلۈك، ئۈنۈملۈك يولغا قويۇپ، ئوت مۇداپىئە قانۇن-نىزام سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4-يىغىنى مەزگىلىدە، ۋەكىللەر ھەر قايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرگە دائىر تەكلىپ-پىكىردىن 8993 نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، 194 بېجىرگۈچى ئورۇننىڭ تەتقىق قىلىپ بېجىرىشىگە بىر تۇتاش تاپشۇردى. يىغىندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى شىن چۈنيىڭ، مائارىپ مىنىستىرى خۇەي جىنپېڭ ئايرىم-ئايرىم بەرگەن 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنى ۋەكىللىرىنىڭ تەكلىپ، تەنقىد ۋە پىكىرلىرىنى بېجىرىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. دوكلاتتىن ئايان بولۇشىچە، ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ-پىكىرلەرنىڭ ھەممىسى بېجىرىلىپ بولغان ھەم ۋەكىللەرگە جاۋاب قايتۇرۇلغان. ئالاقىدار تەرەپلەر پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى، بولۇپمۇ «ئاممىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئەستايىدىل بېجىرىپ، خەلق ئاممىسى كۆڭۈل بۆلگەن مەسىلىلەرگە پائال ئىنكاس قايتۇرۇپ، دىققەتنى مەركەزنىڭ زور تەدبىر ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشقا مەركەزلەشتۈرگەن.

يىغىندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شېن چۈنياۋ بەرگەن 2021-يىللىق ئەنگە ئېلىشنى تەكشۈرۈش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. دوكلاتتا، ئەنگە ئېلىشنى تەكشۈرۈش خىزمىتى پۇختا قانات يايدۇرۇلۇپ، «ھۆججەت بولسىلا جەزمەن ئەنگە ئېلىش، ئەنگە ئالغان بولسىلا جەزمەن تەكشۈرۈش، خاتالىق بولسا جەزمەن تۈزىتىش» ۋە ئەنگە ئېلىشنى تەكشۈرۈش تۈزۈمى قۇرۇلۇشىدا يېڭى ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى دەپ كۆرسىتىلدى ھەم 2022-يىللىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 32-سانلىق يىغىنى ئېچىلدى

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 32-سانلىق يىغىنىنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنى 21-دېكابىر چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا ئېچىلدى. كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا قاتناشتى.