ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى نىڭ جىجيې بىلەن بولغان مەخسۇس سۆھبەت

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-12-23 16:28

مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: 2022-يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىدە مۇقىملىقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش كېرەك، جايلار، تارماقلار ماكرو ئىگىلىكنى مۇقىملاشتۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى، ھەر قايسى تەرەپلەر ئىقتىسادنىڭ مۇقىملىقىغا پايدىلىق سىياسەتلەرنى پائال ئوتتۇرىغا قويۇپ، سىياسەت جەھەتتە ئالدىدا مېڭىشى كېرەك. دۆلەتنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرى، ھەر قايسى رايونلار بۇنى قانداق ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ؟

تۆۋەندە «مۇقىملىقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش: قانداق قاراش كېرەك، قانداق قىلىش كېرەك» ماۋزۇلۇق خەۋىرىمىزدە دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى قوشۇمچە دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى نىڭ جىجيې بىلەن بولغان مەخسۇس سۆھبەت دىققىتىڭلاردا بولىدۇ؛

مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئېھتىياج تارىيىش، تەمىنات زەربىگە ئۇچراش، كۆزلىمە ئاجىزلىشىشتىن ئىبارەت ئۈچ خىل بېسىمغا دۇچ كەلدى.

نىڭ جىجې مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا ئىقتىسادنى، كەسىپنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئۈنۈملۈك سىياسەت-تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، مەبلەغ سېلىشنى، سانائەتنى گۈللەندۈرۈپ، ماكرو ئىقتىسادنى ھەقىقىي مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك؛ مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، تەمىناتقا كاپالەتلىك قىلىپ، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەپ ياخشى ئىشلەپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىپ، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈپ، قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىپ، ئاشلىق ۋە ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى، كەسىپ زەنجىرى بىلەن تەمىنات زەنجىرىنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتۇش؛ ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، ئېلىمىز تەرەققىياتىنىڭ سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكىنى ئومۇميۈزلۈك جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: 2022-يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىدە مۇقىملىقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش كېرەك. نىڭ جىجې مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئىقتىسادنىڭ مۇقىملىقىغا پايدىلىق سىياسەتلەرنى پائال يولغا قويىدۇ. ماكرولۇق سىياسەت جەھەتتە، مەبلەغ سېلىش سىياسىتى ۋە ئىستېمال سىياسىتى قورالىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرىدۇ؛ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىياسىتى جەھەتتە، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك بازار سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەش ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ياخشى تۇتىدۇ.

قۇرۇلمىلىق سىياسەت جەھەتتە، دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ياسىمىچىلىقنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ؛ رايونلار سىياسىتى جەھەتتە، رايونلارنىڭ زور ئىستراتېگىيەسى ۋە ماس تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تەرەققىياتنىڭ تەڭپۇڭلۇقى، ماسلىقىنى كۈچەيتىدۇ.

مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: 2022-يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىدە سىياسەت جەھەتتە مۇۋاپىق دەرىجىدە ئالدىدا مېڭىش كېرەك. نىڭ جىجې تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئالدىدا مېڭىپ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىسىنى مۇۋاپىق دەرىجىدە ئالدىن قانات يايدۇرىدۇ؛ ئالدىدا مېڭىپ مەبلەغ چۈشۈرۈپ، مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنمىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەخسۇس زايوم تارقىتىش رىتىمىنى تېزلىتىدۇ؛ تۈرلەرنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قۇرۇلۇشلارنى تېز ئىلگىرى سۈرىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى نىڭ جىجيې بىلەن بولغان مەخسۇس سۆھبەت

مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: 2022-يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىدە مۇقىملىقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش كېرەك،