ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

گوۋۇيۈەن «14-بەش يىللىق ئېنېرگىيە تېجەش بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش ئۇنىۋېرسال خىزمەت لايىھەسى»نى تارقاتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىجان ئىسمائىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-01-25 10:32

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:

گوۋۇيۈەن يېقىندا «14-بەش يىللىق ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش ئۇنىۋېرسال خىزمەت لايىھەسى»نى تارقاتتى. «لايىھە»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: 2025-يىلىغىچە، مەملىكەت بويىچە بىرلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى 2020-يىلىدىكىدىن %13.5 تۆۋەنلىتىلىدۇ، ئېنېرگىيە ئىستېمال ئومۇمىي مىقدارى مۇۋاپىق كونترول قىلىنىدۇ، خىمىيەگە كېرەكلىك ئوكسىگېن مىقدارى، ئاممىياكلىق ئازوت، ئازوت ئوكسىدلىق ماددىلار، پارلىنىشچان ئورگانىك ماددا چىقىرىش ئومۇمىي مىقدارى 2020-يىلىدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %8، %8، %10، %10 تىن يۇقىرى تۆۋەنلىتىلىپ، كاربوننى يۇقىرى قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پۇختا ئاساس سېلىنىدۇ. «لايىھە»دە نۇقتىلىق كەسىپلەرنىڭ يېشىللىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئون چوڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

گوۋۇيۈەن «14-بەش يىللىق ئېنېرگىيە تېجەش بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش ئۇنىۋېرسال خىزمەت لايىھەسى»نى تارقاتتى

گوۋۇيۈەن يېقىندا «14-بەش يىللىق ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش ئۇنىۋېرسال خىزمەت لايىھەسى»نى تارقاتتى