ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

2021-يىلى ئېلىمىزنىڭ كۆپ تەرەپلىك، ئىككى تەرەپلىك ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىدە يېڭى بۆسۈش بولدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەد|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-01-25 16:06

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2021-يىلى ئېلىمىزنىڭ كۆپ تەرەپلىك، ئىككى تەرەپلىك ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىدە يېڭى بۆسۈش بولغان.

بىرىنچى، ئەركىن سودا رايونىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئىستراتېگىيەسىدە زور ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلدى. ئېلىمىز رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمىنىڭ ئۆز قەرەلىدە كۈچكە ئىگە بولۇپ يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى. ئومۇميۈزلۈك تىنچ ئوكيان ھالقىغان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى ۋە رەقەملىك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمىگە قاتنىشىشنى رەسمىي ئىلتىماس قىلدى. يېڭى زېلاندىيە بىلەن بولغان ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېلىشىمنامىسى ئىمزالاپ، كورېيە، سىنگاپور بىلەن بولغان دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش سۆھبىتىدە پائال ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى.

ئىككىنچى، كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقتا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇردى. جۇڭگونىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقى يۇقىرى قاتلام مۇنبىرى ۋە مەخسۇس تېمىلىق كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى. دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان سودا سىياسىتىنى 8-قېتىم قاراپ چىقىشى تاماملاندى. جۇڭگو دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئالاقىدار قارالمىلار سۆھبىتىگە پائال قاتناشتى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، 20 دۆلەت گۇرۇھى، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق مېخانىزملاردا رەقەملىك ئىقتىساد، تەمىنات زەنجىرى قاتارلىق ھەمكارلىقنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، سىغدۇرۇشچان سودىغا مەبلەغ سېلىش سىياسىتىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۈچىنچى، ئىككى تەرەپلىك ۋە رايون ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى. جۇڭگو ـ ئامېرىكا ئۆلكە، ئىشتاتلىرىنىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، جۇڭگو ـ رۇسىيە سودىسىدا تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىپ، جۇڭگو-يېڭى زېلاندىيە قۇرۇقلۇق-دېڭىز سودىسى يېڭى يولىنى ئورتاق قۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، جۇڭگو-ئافرىقا مۇنبىرىنىڭ 8-نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ئەمەلىي تەدبىرلىرى تۈزۈلۈپ، جۇڭگو-ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

2021-يىلى ئېلىمىزنىڭ كۆپ تەرەپلىك، ئىككى تەرەپلىك ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىدە يېڭى بۆسۈش بولدى

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2021-يىلى ئېلىمىزنىڭ كۆپ تەرەپلىك، ئىككى تەرەپلىك ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىدە يېڭى بۆسۈش بولغان.