ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جايلار كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-04-24 10:23

يۇقۇمنىڭ قايتا پەيدا بولۇشى قاتارلىق پايدىسىز ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، يېقىنقى مەزگىلدە قىسمەن ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار تىجارەت بېسىمىغا دۇچ كەلدى. مەركەزدىن يەرلىككىچە، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىدىغان بىر يۈرۈش تەدبىرلەر كۆپلەپ چىقىرىلىپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشكە تۈرتكە بولدى.

بۇ يىل، ئېلىمىز يېڭى بىرىكمە شەكىلدىكى باجنى قوللاش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، پۈتۈن يىلدا تەخمىنەن ئىككى تىرىليون 500 مىليارد يۈەن باجنى قايتۇرىدۇ ۋە يېنىكلىتىدۇ. يېقىندا، جايلاردىكى باج تارماقلىرى يېڭى بىرىكمە شەكىلدىكى باجنى قوللاش سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈردى. دۆلەتلىك باج باش ئىدارىسى بېيجىڭ شەھەرلىك باج ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تيەن شىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىز ئېلېكتىرونلۇق باج ئىدارىسىنىڭ فۇنكسىيەسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، مەلۇم قىلىش ھالقىسىدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنىڭ ئاپتوماتىك ئەسكەرتىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەلۇم قىلىش جەدۋىلىنى ئاپتوماتىك ئالدىن تولدۇرۇپ، باج كېمەيتىش سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئاپتوماتىك ھېسابلاپ، ئېتىبار سىياسىتىدىن ئاپتوماتىك بەھرىمەن قىلىپ، يېڭى بىرىكمە شەكىلدىكى باجنى قوللاش سىياسىتىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى، ئاخبارات باياناتچىسى پېڭ خۇاگاڭ مۇنداق دېدى: بىز مۇلازىمەتچىلىكتىكى كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ تىجارەت يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىش ئۈچۈن، ئۆي ئىجارىسىنى ئازايتىش، كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق سىياسەتلەرنى داۋاملىق ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ، ھەر ئايدا ئىجارە ھەققىنى ئازايتىش سانلىق مەلۇماتلىرىنى قەرەللىك جەملەيمىز. مەبلەغ بىلەن قوللاشنى كۈچەيتىش؛ ئىختىلاپسىز قەرزلەرنى چوقۇم قايتۇرۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ مەبلەغ بېسىمىنى يېنىكلىتىش كېرەك.

نۇرغۇن جايلار بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇپ تەرەققىي قىلىشىنى قوللايدىغان بىرىكمە تەدبىرلەرنى ئارقا-ئارقىدىن يولغا قويدى. ئەنخۇي ئۆلكىسى يەنە 23 سىياسەت-تەدبىرنى يولغا قويۇپ، كارخانىلارغا ياردەم بېرىش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەققىنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش، ئىشسىزلىق، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى ھەققىنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ئارقىلىق ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش قاتارلىق سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلەتتى.

ئەنخۇيدىكى مەلۇم توقۇمىچىلىق كارخانىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى تاۋ لۇڭفېن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇشقا بولىدۇ، بىز 4-ئايدا 160 مىڭ يۈەن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇشىمىز كېرەك ئىدى، كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش مەزگىلىدە كېچىكتۈرۈش پۇلى كەچۈرۈم قىلىندى، بۇ كارخانىمىزنىڭ مەبلەغ بېسىمىنى زور دەرىجىدە يېنىكلەتتى.

باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش، ئۆي ئىجارىسىنى ئازايتىش، كەچۈرۈم قىلىش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇشتىن باشقا، دۆلەتلىك باج باش ئىدارىسى قاتارلىق ئون تارماق يېقىندا يەنە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئېكسپورت بېجىنى قايتۇرۇشنى قوللاش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، باج قايتۇرۇشنى بېجىرىشنىڭ قولايلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دۆلەتلىك باج باش ئىدارىسى نىڭبو شەھەرلىك باج ئىدارىسى 2-باج شۆبە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋۇ بىكەي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە، خام ئەشيا، توشۇش ھەققى ئۆرلىدى، نۇرغۇن تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ مەبلەغ بېسىمى بىر قەدەر چوڭ بولدى. بىز ئېكسپورت بېجىنى قايتۇرۇشنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئېكسپورت بېجىنى قايتۇرۇش ئىشلىرىنى بېجىرىش تەرتىپىنى سەرخىللاشتۇرۇپ ۋە ئاددىيلاشتۇرۇپ، تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ مەبلەغ بېسىمىنى ئۈنۈملۈك يېنىكلىتىپ، تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ مەبلەغ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ راۋانلىقى، تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ بازارنى مۇقىملاشتۇرۇش، زاكازغا كاپالەتلىك قىلىشىغا كۈچ قوشۇپ، تەرەققىيات ئۈچۈن ۋاقىتنى قولغا كەلتۈرىمىز.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جايلار كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى

يۇقۇمنىڭ قايتا پەيدا بولۇشى قاتارلىق پايدىسىز ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، يېقىنقى مەزگىلدە قىسمەن ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار تىجارەت بېسىمىغا