ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى جەنشۇ نورۋېگىيە پارلامېنتىنىڭ باشلىقى بىلەن سۆھبەتلەشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-04-28 15:38

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ 4-ئاينىڭ 27-كۈنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا نورۋېگىيە پارلامېنتىنىڭ باشلىقى گالاخانى بىلەن ۋىدېيولۇق سۆھبەتلەشتى.

لى جەنشۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن نورۋېگىيەنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق. رەئىس شى جىنپىڭ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2022-يىللىق يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۇنيادا قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسى تەۋرەنمەيدۇ. جۇڭگو- نورۋېگىيە ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم قارالمىسى بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پايدىلىق. ئىككى تەرەپ يېشىل تەرەققىيات ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، «پارىژ كېلىشىمى»نىڭ ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرسە بولىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ ئادىمىيەت ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قىشلىق تەنھەرىكەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما، خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ باش مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنى ئاساس قىلغان خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغداش كېرەك.

لى جەنشۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نورۋېگىيە جۇڭگونىڭ قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى بىلەن ئەڭ بالدۇر ئالاقە قىلغان غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بىرى. ئىككى تەرەپ قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلاپ، ھەر قايسى قاتلاملارنىڭ نىشانلىق پىكىر ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. لى جەنشۇ يەنە جۇڭگونىڭ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى يولغا قويۇش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

گالاخانى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۇرغۇن دۇنياۋى خىرىس ئالدىدا، كۆپ تەرەپچىلىك، خەلقئارا قانۇن ئاساسىدىكى خەلقئارا ھەمكارلىق ئىنتايىن مۇھىم. جۇڭگونىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ۋە مېيىپلار قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن. نورۋېگىيە پارلامېنتى جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.
تەرجىمان: ئىمىنجان

中央广播电视总台 央广网 版权所有

لى جەنشۇ نورۋېگىيە پارلامېنتىنىڭ باشلىقى بىلەن سۆھبەتلەشتى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ 4-ئاينىڭ 27-كۈنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا نورۋېگىيە پارلامېنتىنىڭ باشلىقى گالاخانى بىلەن ۋىدېيولۇق سۆھبەتلەشتى.