ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-04-28 15:38

4-ئاينىڭ 27-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلدى، يىغىندا ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئايلىنىشىنى ساقلاش قارار قىلىندى؛ قاتناش ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، توسۇق نۇقتىلارنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇش، ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇش تەلەپ قىلىندى.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى مۇۋاپىق دائىرىدە ساقلاشنىڭ ئاچقۇچلۇق تىرىكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. بىرىنچى، كارخانىلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش شارائىتىدا ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ مەھسۇلات كۆزلىمە نىشانىغا يېتىشىنى ئالغا سىلجىتىش، بولۇپمۇ كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىدىكى نۇقتىلىق كارخانىلار، قاتناش ئەشيا ئوبوروتى كارخانىلىرى، ئاچقۇچلۇق ئۇل ئەسلىھە قاتارلىقلارنىڭ نورمال ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، قىيىنچىلىقى ئېغىزلىرىغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، يۆلەش تەدبىرى قوللىنىش كېرەك. ئىككىنچى، بازار سۇبيېكتىنىڭ ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇشىنى قوللاش كېرەك. كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى ھەققىنى باسقۇچلۇق كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش سىياسىتى يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بارلىق قىيىنچىلىقى بار ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار، يەككە سودا-سانائەتچىلەرگىچە كېڭەيتىلىدۇ، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنىڭ ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ قايتۇرۇش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا %90كە ئۆستۈرۈلىدۇ. يەرلىكنىڭ ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ساھەلەرنىڭ توك ئىشلىتىشىگە قارىتا باسقۇچلۇق ئېتىبار بېرىشنى يولغا قويۇشىغا مەدەت بېرىلىدۇ، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا كەڭ بەلباغلىق تور ۋە مەخسۇس لىنىيە ھەققى جەھەتتە داۋاملىق ئېتىبار بېرىلىدۇ، توردا ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش قاتارلىقلارنىڭ تەننەرخى تۆۋەنلىتىلىدۇ. كارخانىلار ئىشچى-خىزمەتچىلەر بىلەن كېڭىشىپ، ئېلاستىك ئىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرسا بولىدۇ.

سۇپا ئىقتىسادىنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش تۈرتكە بولىنىدۇ.

ئۈچىنچى، ئىش ئورنىنى كېڭەيتىش كېرەك. ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشقا ئالاقىدار سىياسەتلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ «مىليون ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىراكتىكىسى» ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. بىر تۈركۈم ئېتىز-ئېرىق سۇ ئىنشائاتى قاتارلىق قۇرۇلۇشلار باشلىنىپ، ئىش تېپىپ بېرىپ قۇتقۇزۇش ئومۇملاشتۇرۇپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىلىدۇ.

تۆتىنچى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى ۋە تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا توردا توختام تۈزۈش سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىختىساسلىقلار مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىغا بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇش رەسمىيىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى كېچىكتۈرۈپ قايتۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەر تەتقىق قىلىنىدۇ. يۇقۇمنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن ۋاقتىنچە ئىشسىز قالغان، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىغا قاتناشمىغان قىيىنچىلىقى بارلارغا ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش ياردىمى بېرىلىدۇ.

بەشىنچى، جايلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، نەتىجە ـ ئۈنۈمنى باھالاپ، پۈتۈن يىللىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىشانىنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: قاتناش ئەشيا ئوبوروتى بازار ئىگىلىكىنىڭ تومۇرى. گوۋۇيۈەن يېقىندا قىسمەن رايونلاردا ئەشيا ئوبوروتىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، خىزمەت مېخانىزمى ئورناتتى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋە ئەشيا ئوبوروتىنى راۋانلاشتۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى ئەشيا ئوبوروتىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. بىرىنچى، قاتناش تايانچ تورىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھەق ئېلىش پونكىتى، مۇلازىمەت رايونىنى تولۇق ئېچىپ، ئايرودۇرۇم، پورتلاردا يىغىپ توشۇشنى راۋانلاشتۇرۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك. ئىككىنچى، ئەشيا ئوبوروتىنىڭ مىكرو ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇش؛ يۇقۇم سەۋەبىدىن تاقىلىپ قالغان تېز يەتكۈزۈش قاتارلىق تور نۇقتىلىرىنىڭ تىجارەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توشۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۈچىنچى، نۇقتىلىق رايون، كەسىپ ۋە كارخانىلارنىڭ ئەشيا ئوبوروتى كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرىنى يۆتكەپ توشۇش پونكىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئۇچراشماي ئۇلاپ توشۇشنى يولغا قويۇش كېرەك. تۆتىنچى، يۈك تىرانسپورت تىجارەتچىلىرىگە ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىش كېرەك. 5ـ ئاينىڭ 1-كۈنىدىن يىل ئاخىرىغىچە، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان تېز يەتكۈزۈش كىرىمىدىن قوشۇلما قىممەت بېجى ئېلىنمايدۇ. 100 مىليارد يۈەن تەكرار قەرز پۇل بېرىش تېز ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئەشيا ئوبوروتى، ئامباردا ساقلاش قاتارلىق كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىگە مەدەت بېرىلىدۇ. ئاپتوموبىل قەرز پۇلىنى كېچىكتۈرۈپ قايتۇرۇشقا مۇۋاپىق مەدەت بېرىلىدۇ. بەشىنچى، ئاپتوموبىل يول خېتىنى تېز ئىلتىماس قىلىپ تېز بېجىرىش، مەملىكەت بويىچە ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

تەرجىمان: ئىمىنجان




中央广播电视总台 央广网 版权所有

گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلدى

4-ئاينىڭ 27-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە