ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«پارتىيە بايرىقى ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدە جەۋلان قىلدى» فۇجيەندىكى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىك تەشكىلاتلىرى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار پارتىيە ئەزالىرىنىڭ كۈچىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-05-23 11:07

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 23-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:

فۇجيەن ئۆلكىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەۋقەنى يەرلىكنىڭ ئەمەلىيىتىگە قارىتىپ، خىزمەت تەپەككۇرىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردىن ئىبارەت «ئىككى يېڭى ساھە»دە پارتىيە ئەزالىرىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ كۈچىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇردى.

فۇجۇ شەھىرى يۇمشاق دېتال باغچىسىدىكى بىر ئۇچۇر پەن ـ تېخنىكا تەرەققىيات پاي چەكلىك شىركىتىدە، بىر مەيدان باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە ئىدى، پارتىيە ئەزالىرى دەۋر نەمۇنىچىلىرىنىڭ روھىنى ئۆز خىزمەت ئورنى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش، تەپەككۇر قىلىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، ھېس قىلىش نەتىجىلىرىدىن تەڭ بەھرىلەندۈردى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، كارخانىلار پارتىيە قۇرۇلۇشى بىلەن كارخانا باشقۇرۇشى، كارخانىنىڭ تەرەققىياتى، كارخانا مەدەنىيىتىنى داۋاملىق بىرلەشتۈرۈپ، كارخانىلاردىكى پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى بىلەن كارخانىنىڭ تەرەققىياتىدا «قوش يۈكسىلىش»نى ئىشقا ئاشۇردى. شىركەت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ئالىي مۇئاۋىن لىدىرى خۇڭ جاڭياڭ مۇنداق دېدى: ئىدىيە جەھەتتىن يېتەكلەش، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نۇرغۇن مۇنەۋۋەر خىزمەتچى ۋە كەسپىي تايانچلارنى پارتىيەگە قوبۇل قىلدۇق. فۇجيەندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى مۇنەۋۋەر ياش ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە تېخنىكا ماھىرلىرىنى بايقاش، يېتىشتۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇشنى پارتىيە ئەزالىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارىتىنى زىچ چۆرىدەپ، كارخانىلارنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق پارتىيە ئەزالىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى. 2017-يىلىدىن بۇيان، فۇجيەندە يېڭىدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلغان پارتىيە ئەزالىرى ئىچىدە، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار %16.53نى ئىگىلىدى. فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكوم ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلار ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ بىڭيى مۇنداق دېدى: ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق پارتىيەگە كىرىش ئاكتىپلىرىنى بايقاپ ۋە تونۇشتۇرۇپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ پارتىيە ئەزالىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى ھەمكارلىشىپ ياخشى ئىشلەش كېرەك. كېيىنكى قەدەمدە، فۇجيەن ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ پارتىيە ئەزالىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى داۋاملىق پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەقىقىي، ئىنچىكە، ئەمەلىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىدۇ. فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكومدىن ليۇ بىن مۇنداق دېدى: بىز «ئىككى يېڭى ساھە»دە پارتىيە ئەزالىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتنىڭ بىرىنچى سېپى ۋە ياش ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئارىسىدىن پارتىيە ئەزالىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، تىرىشىپ تېخىمۇ كۆپ ئەمگەك نەمۇنىچىسى، تېخنىكا ماھىرى، ياش مۇتەخەسسىس، مۇنەۋۋەر ئىشچىلارنى پارتىيە تەشكىلاتىغا قوبۇل قىلىپ، پارتىيەنىڭ كۈچىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىمىز.

تەرجىمان: پاتىگۈل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«پارتىيە بايرىقى ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدە جەۋلان قىلدى» فۇجيەندىكى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىك تەشكىلاتلىرى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار پارتىيە ئەزالىرىنىڭ كۈچىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇردى

فۇجيەن ئۆلكىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەۋقەنى يەرلىكنىڭ ئەمەلىيىتىگە قارىتىپ، خىزمەت تەپەككۇرىدا يېڭىلىق يارىتىپ،