ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مەركەز مالىيەسى 10 مىليارد يۈەن مەبلەغ چۈشۈرۈپ، ئەمەلىي ئاشلىق تېرىغۇچى دېھقانلارغا يەنە بىر قېتىم بىر قېتىملىق يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى تولۇقلىمىسى تارقاتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-05-23 11:07

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 23-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:

مەركەز مالىيەسى يېقىندا 10 مىليارد يۈەن مەبلەغ چۈشۈرۈپ، ئاشلىق تېرىغۇچى دېھقانلارغا يەنە بىر قېتىم بىر قېتىملىق يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى تولۇقلىمىسى تارقىتىپ، يازلىق يىغىم ۋە كۈزلۈك تېرىلغۇغا مەدەت بېرىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى باھاسىنىڭ ئۆرلىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاشلىق تېرىش چىقىمى ئېشىشنىڭ تەسىرىنى پەسەيتىپ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىش ئاكتىپلىقىنى يەنىمۇ قوزغىدى. ئىگىلىنىشىچە، مەركەز مالىيەسى تولۇقلىما بېرىش سىياسىتىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تولۇقلىما بېرىش ئوبيېكتىنى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى باھاسىنىڭ ئۆرلەش تەننەرخىنى ئەمەلىي ئۈستىگە ئالغان ئاشلىق تېرىغۇچىلار، جۈملىدىن ئۆزىنىڭ ھۆددە يېرىدىن پايدىلىنىپ ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلار، يەرنى ئوبوروت قىلىپ ئاشلىق تېرىيدىغان چوڭ ئائىلىلەر، ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانلىرى، دېھقانلار كوپىراتىپلىرى، يېزا ئىگىلىك كارخانىلىرى قاتارلىق يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتلىرى، شۇنداقلا ئاشلىق تېرىش، يىغىشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت قىلىدىغان شەخسلەر ۋە تەشكىلاتلار دەپ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تولۇقلىما مەبلىغىنىڭ ئەمەلىي ئاشلىق تېرىغۇچىلارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، تولۇقلىما سىياسىتىنىڭ توغرىلىقىنى ئاشۇردى، تولۇقلىما ئۆلچىمىنى جايلار ئالاقىدار ئەھۋاللارغا بىرلەشتۈرۈپ ئۇنىۋېرسال بېكىتىدۇ، پىرىنسىپ جەھەتتە ناھىيە تەۋەسىدە تولۇقلىما ئۆلچىمى بىردەك بولۇشى كېرەك. مالىيە مىنىستىرلىقى جايلاردىن زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋاسىتىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ھازىرقى ئالاقىدار تولۇقلىما تارقىتىش ئاساسىي سانلىق مەلۇماتلىرىدىن پايدىلىنىپ، «ھەممىباب كارتا» قاتارلىق ئۇسۇللارنى داۋاملىق قوللىنىپ، تولۇقلىما مەبلىغىنى ۋاقتىدا، تولۇق تارقىتىشنى تەلەپ قىلدى. ھازىرغا قەدەر، 2022-يىلى، مەركەز مالىيەسىدىن ئاشلىق تېرىغۇچى دېھقانلارغا ئاجراتقان بىر قېتىملىق تولۇقلىما 30 مىليارد يۈەنگە يەتكەن.

تەرجىمان: پاتىگۈل






中央广播电视总台 央广网 版权所有

مەركەز مالىيەسى 10 مىليارد يۈەن مەبلەغ چۈشۈرۈپ، ئەمەلىي ئاشلىق تېرىغۇچى دېھقانلارغا يەنە بىر قېتىم بىر قېتىملىق يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى تولۇقلىمىسى تارقاتتى

مەركەز مالىيەسى يېقىندا 10 مىليارد يۈەن مەبلەغ چۈشۈرۈپ، ئاشلىق تېرىغۇچى دېھقانلارغا يەنە بىر قېتىم بىر قېتىملىق يېزا ئىگىلىك ماددىي