ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جېجياڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى پۇختا ئىلگىرى سۈردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-07-21 15:11

【جاسارەت بىلەن يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىش، يېڭى دەۋرگە تۆھپە قوشۇش، ئالەمشۇمۇل ئون يىل】جېجياڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، دەۋر باشلامچىسى بولدى

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ جېجياڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتى توغرىسىدا كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، جېجياڭدىن باشتىن-ئاخىر ئەمەلىي ئىشلەپ، ئالدىدا مېڭىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشنى تەلەپ قىلدى. جېجياڭدىكى كادىرلار ۋە ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «قوش سەككىز ئىستراتېگىيەسى»دە كۆرسىتىپ بېرىلگەن يولنى بويلاپ، يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈردى. ئەمدى «جاسارەت بىلەن يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىش، يېڭى دەۋرگە تۆھپە قوشۇش، ئالەمشۇمۇل ئون يىل» ماۋزۇلۇق ئالاھىدە يۈرۈشلۈك خەۋىرىمىزنىڭ «جېجياڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، دەۋر باشلامچىلىرىدىن بولدى» دېگەن قىسىمىنى ئاڭلىتىمىز.يازنىڭ تازا ئىسسىق كۈنلىرىدە، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋېنجۇ شەھىرى ئوۋجياڭ دەرياسى ۋادىسىدىكى چوڭ-كىچىك دەريالار سالقىندايدىغان ياخشى جايغا ئايلىنىدۇ. ساياھەتچىلەر بۇ يەردە بامبۇك سالغا ئولتۇرۇپ تېيىز ساھىلدا سەيلە قىلىپ، يېشىل تاغ-دەريالار ئېلىپ كەلگەن راھەتتىن ھۇزۇرلىنىدۇ. جېجياڭ ئېكولوگىيەنى قوغداش بىلەن ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ تۆت كوچا ئېغىزىدا، «سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن ئىدىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزدى: ئۆلكە بويىچە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى پەرقلىق باھالاش كۆرسەتكۈچ سىستېمىسىنى باشلامچىلىق بىلەن يولغا قويۇپ، «دەريا باشلىقى تۈزۈمى»، «مۇھىت ئاسراشتا بىر چاتاق بىلەن ئىنكار قىلىش تۈزۈمى»نى تۇنجى قېتىم ئىجاد قىلىپ، «بەش دەريانى تەڭ تۈزەش»نى قەدەم باسقۇچلۇق يولغا قويدى. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈزەشكە دائىر بىرقاتار تەدبىرلەر جىجياڭ زېمىنىدا يولغا قويۇلدى. 2015-يىلى 5-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جېجياڭ جۇشەن دىڭخەي رايونى شىنجيەن مەھەللىسىدە خىزمەت تەكشۈردى. كەنت ئاھالىلىرى باش شۇجىغا تەبىئىي ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكى قاتارلىق ئۆزگىچە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىنى بەس-بەستە تونۇشتۇردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بۇ يەر بىر تەبىئىي چوڭ ئوكسىگېنخانا ئىكەن، «گۈزەل ئىقتىساد»- «سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن داۋلىنى دەلىللەپ بەردى. جېجياڭ باش شۇجى كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈردى. 2021-يىلى، جېجياڭنىڭ ھاۋا سۈپىتى، يەر ئۈستى سۈيى، قىرغاققا يېقىن دېڭىز تەۋەلىكىنىڭ سۇ سۈپىتىنىڭ ئەلا بولۇش نىسبىتىدە تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىپ، پۈتۈن ئۆلكىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىدىن ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى ئۇدا 10 يىل ئاشتى. 2021-يىلى 5-ئايدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن جېجياڭغا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىش، ئورتاق بېيىش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇش مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى يۈكلىدى. جېجياڭ شەھەر بىلەن يېزىلارنىڭ تەرەققىيات پەرقى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، شەھەر ئارقىلىق يېزىنى يېتەكلەش، شەھەر بىلەن يېزىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، «تاغ بىلەن دېڭىز ھەمكارلىقى» قۇرۇلۇشىنىڭ دەرىجىسىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، تاغلىق رايوندىكى 26 ناھىيەنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. 2021-يىلى، جېجياڭنىڭ شەھەر ـ يېزا رايونلىرىنىڭ ماس تەرەققىياتىدا ياخشى ۋەزىيەت يارىتىلدى: يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىدىن تېز بولدى، تاغلىق رايوندىكى 26 ناھىيەدىكى دېھقانلار كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن ئۆلكىدىكى دېھقانلار كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن تېز بولدى. ئون يىلدىن بۇيان، جېجياڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 2012-يىلىدىكى 3 تىرىليون 440 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، 2021-يىلى 7 تىرىليون 350 مىليارد يۈەنگە يەتتى؛ بارلىق ئاھالىلەرنىڭ ئىلىكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 2012-يىلىدىكى 27 مىڭ 20 يۈەندىن ئېشىپ، 2021-يىلى 57 مىڭ 541 يۈەنگە يەتتى. ھازىر جېجياڭ ئورتاق بېيىش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇشى نىشان سىستېمىسى، خىزمەت سىستېمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈردى ھەمدە نۇقتىلىق ساھەلەر ئىسلاھاتى ئارقىلىق ئورتاق بېيىش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى.

تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەد


中央广播电视总台 央广网 版权所有

جېجياڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى پۇختا ئىلگىرى سۈردى

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ جېجياڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتى توغرىسىدا كۆپ قېتىم