ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مەملىكەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-07-23 17:00

مەملىكەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى ۋاڭ خۇنىڭ قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى

مەملىكەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمىتى يىغىنى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قوغداشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، قىممەتنى قېزىش، ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى جانلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ،

مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، كادىرلار، ئاممىنى تارىخىي ئاڭلىقلىقنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشقا يېتەكلەش كېرەك.

ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمىتى توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىشلىرىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار مۇھىم، زور مەسىلىلەرگە ئىلمىي جاۋاب بېرىپ، پارتىيەمىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمىتىگە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. بىز چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك.

ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە، يېڭى تەلەپ ئالدىدا، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمەتچىلىرى سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، چوڭقۇر ياخشى ئىشلەپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. قوغداشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش كېرەك. مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ۋە شەرھلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى جانلاندۇرۇپ، خەلقنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت ئوزۇقىنى بېيىتىش كېرەك. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بويىچە خەلقئارا ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ خەلقئارا تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى سېپىدىكى كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

يىغىندا مەملىكەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى سىستېمىسىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ، ئىلغار خىزمەتچى ۋە ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى تەقدىرلەندى. دۆلەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىنىڭ مەسئۇللىرى، تەقدىرلەنگەن تۆت ئىلغار ۋەكىل سۆز قىلدى. ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە پىلانى ئايرىم شەھەرلەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئارمىيەنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، مەملىكەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى سىستېمىسىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ ۋەكىللىرى، ئىلغار خىزمەتچىلەر ۋە ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى، ئالاقىدار پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، ئالىي مەكتەپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورۇنلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ۋەكىللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

تەرجىمان:پاتىگۈل مەمەت

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

مەملىكەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى

مەملىكەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى ۋاڭ خۇنىڭ قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى