ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شىنجاڭ ھەر مىللەت ئاممىسىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-07-25 10:42

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى يېزا-كەنتلەردىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرگە سىڭدۈردى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سانجى ئوبلاستى مورى ناھىيەسىنىڭ ئاققاباق كەنتى ھەر ئايدا بىر قېتىم «پارتىيە ئەزالىرى ۋەدە قىلغان ئەمەلىي ئىش قىلىش خىزمىتىدىن دوكلات بېرىش يىغىنى»نى ئاچىدۇ. يىغىندا، كەنتتە تۇرۇشلۇق سانجى ئوبلاستلىق پارتكوم ئىشخانىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىگە بىر ئايدىن بۇيانقى خىزمەتلەرنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى قايتما ئىنكاس قىلىدۇ، كەنت ئاھالىلىرى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشتىكى يېڭى ئېھتىياجلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، پارتىيە ئەزالىرى نەپ مەيداندا ۋەزىپە بۆلۈشىدۇ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ. كەنت ئاھالىسى تۆلېگىن مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كەنت پارتىيە تەشكىلاتى كەنت ئاھالىلىرى ئوتتۇرىغا قويغان بەزى قىيىنچىلىقلارنى ناھايىتى ۋاقتىدا ھەل قىلدى، كەنتنىڭ قۇرۇلۇشى، كۆكەرتىشى، يەنە بەزى كەسىپلەرنىڭ ھەممىسى ياخشىلاندى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى ئاشتى، ھازىر تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ.
سانجى ئوبلاستلىق پارتكوم ئىشخانىسىنىڭ ئاققاباق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى يېتەكچىلىك رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى كۈچەيتىپ، پۇقرالارنىڭ مەسىلىلىرىنى ھەقىقىي ھەل قىلدى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، كەنتنىڭ 1-شۇجىسى ۋاڭ خۇڭسەي مۇنداق دېدى: بىز كەنتتىكى خىزمەت ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئاممىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرەلەيدىغان بىر قىسىم پارتىيەلىك كادىرلارنى تاللاپ، كەنتنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دېھقانلارنىڭ بېيىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇستەھكەملەپ، كەنتنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردۇق.

پارتىيە ياچېيكىسى يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەت ئەترىتى ياردەم بېرىش ئارقىلىق، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ قەلب ۋە كۈچى مۇجەسسەملىنىپ، گۈزەل يېزا-كەنتلەر بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىلماقتا. 2014-يىلى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي 600 مىڭدىن ئارتۇق پارتىيەلىك كادىرنى 10 مىڭدىن ئارتۇق كەنت ۋە مەھەللىگە ئەۋەتتى. ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئورگان، ئورۇنلاردىن كەلگەن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار، 1-شۇجىلار، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئاساسىي قاتلامنىڭ 1-سېپىدە خىزمەت قىلىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى، پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەر مىللەت ئاممىسىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ، قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ بەردى.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شىنجاڭ ھەر مىللەت ئاممىسىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەردى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش