ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بايدىن زاۋاھىرىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-08-04 10:29

بايدىن ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى «بازا» تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى زاۋاھىرىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى

شۇ يەر ۋاقتى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى، بايدىن ئامېرىكىنىڭ ئالدىنقى شەنبە كۈنى ئافغانىستاننىڭ كابۇلدىكى بىر «بازا تەشكىلاتى نىشانى»غا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يولغا قويغانلىقىنى ھەمدە «بازا» تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى ئامان زاۋاھىرىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى.

زاۋاھىرى 1998-يىلى بىن لادېن رەھبەرلىكىدىكى «بازا» تەشكىلاتىغا كىرگەن. ئۇ تەشكىلاتنىڭ «باش ئىستراتېگىيەچىسى» بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇتلەق كۆپ ساندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ ئالىي پىلانلىغۇچىسى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 1998-يىلى ئامېرىكىنىڭ تانزانىيە ۋە كېنىيەدىكى باش ئەلچىخانىسىنى پارتلىتىش دېلوسى ھەمدە 2001-يىلى دۇنيانى زىل-زىلىگە سالغان «11-سېنتەبىر» تېررورلۇق ھۇجۇمىمۇ بار.

بىن لادىن ئۆلگەندىن كېيىن، زاۋاھىرى 2011-يىلى 6-ئايدا «بازا» تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى بولغان.

تەرجىمان: بەختىيار تۇردى

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بايدىن زاۋاھىرىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى

بايدىن ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى «بازا» تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى زاۋاھىرىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى