ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئېلىمىز ئىقتىسادى مۇقىم ئەسلىگە كېلىپ تەرەققىي قىلىپ، مۇۋاپىق ئېشىش دائىرىسىگە قايتىشنى تېزلەتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-08-04 10:54

[يېڭى ئىدىيە ئارقىلىق يېڭى مۇساپىگە يېتەكچىلىك قىلىش] ئەۋرىشىملىكى كۈچلۈك، يوشۇرۇن كۈچى زور، ھاياتىي كۈچى يېتەرلىك بولغان  ئېلىمىز ئىقتىسادى مۇقىم ئەسلىگە كېلىپ تەرەققىي قىلىپ، مۇۋاپىق ئېشىش دائىرىسىگە قايتىشنى تېزلەتتى

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، خەلقئارا ۋەزىيەت مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان بولغان، دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ پۇل پاخاللىقى سەۋىيەسى يۇقىرى بولغان، دۆلەت ئىچىدە يۇقۇم قايتىلانغان قاتارلىق مۆلچەردىكىدىن ئېشىپ كەتكەن ئامىللارنىڭ زەربىسى ئاستىدا، جايلار، تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە تىزگىنلەپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى تۈرلۈك سىياسەتلەرنى تېز يولغا قويۇپ، ئىجابىي ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا پارتىيە سىرتىدىكى ئەربابلار سۆھبەت يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۇنىۋېرسال ھۆكۈم قىلغاندا، ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا نۇرغۇن ئىستراتېگىيەلىك پايدىلىق شارائىتقا ئىگە، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئېلاستىكلىقى كۈچلۈك، يوشۇرۇن كۈچى زور، ھاياتىي كۈچى يېتەرلىك، ئۇزاق مۇددەت ياخشى بولۇشتەك ئاساسىي تەرەپ ئۆزگەرمەيدۇ.

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆزگىرىشنى توغرا تونۇپ، ئۆزگىرىشكە ئىلمىي يۈزلىنىپ، ئۆزگىرىش ئۈستىدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىزدەنگەندىلا، چوقۇم تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تەرەققىيات پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئېلىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئىچكى ـ تاشقى مۇھىتى تېخىمۇ مۇرەككەپ ۋە كەسكىن بولۇپ، ئېھتىياجنىڭ تارىيىشى، تەمىنلەشنىڭ زەربىسى، كۆزلىمىنىڭ ئاجىزلىشىشىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل بېسىم داۋاملىق گەۋدىلەندى.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلاشنىڭ كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىلىشىغا، شۇنداقلا ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشقا دائىر بىر قاتار سىياسەت-تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىشىگە ئەگىشىپ، 6-ئايدا دۆلىتىمىز ئىقتىسادى بىرقەدەر تېز، مۇقىم قايتا ئۆرلىدى.

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 56 تىرىليون 264 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.5 ئاشتى.

خەلق ئىگىلىكىنىڭ جان تومۇرى بولغان سانائەتنىڭ يۈرۈشۈشى 4-ئايدىكى قىسقا ۋاقىتلىق تۆۋەنلەشنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، 5-ئايدا قايتىدىن مۇسبەت ئاشتى. 6-ئايدا ئىشلەپچىقىرىش داۋاملىق تېزلىشىپ، ئالدىنقى يېرىم يىلدا كۆلەملەشكەن سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %3.4 ئاشتى، ئېلىمىزنىڭ سانائەت تەرەققىياتىنىڭ ئەۋرىشىملىكى يېتەرلىك، ئايلىنىش ئىمكانىيىتى چوڭ بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى ئۆزگەرمىدى.

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئېلىمىزنىڭ ئېكسپورت، مەبلەغ سېلىش ۋە ئىستېمال ئىپادىسى گەۋدىلىك بولدى.

مەبلەغ سېلىشنى ئالدىن يولغا قويۇش كۆرسەتكۈچىدىن قارىغاندا، ئالدىنقى بەش ئايدا يېڭىدىن ئىش باشلانغان تۈر سانى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %26.1  ئاشقان، يېڭىدىن ئىش باشلانغان تۈرلەرگە پىلانلانغان ئومۇمىي مەبلەغ % 23.3 ئاشقان.

ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئېلىمىزنىڭ مال ئىمپورت ـ ئېكسپورتى 19 تىرىليون 800 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.4 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە 4ـ ئايدا مۆلچەردىكىدىن ئېشىپ كەتكەن ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، ئىمپورت-ئېكسپورتنىڭ ئېشىش سۈرىتى %0.1  كە چۈشتى، 5-6-ئايدا تېز سۈرەتتە ئۆرلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالدىنقى يېرىم يىلدا دۆلەت ئىچىدىكى ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.7  تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، لېكىن 5ـ ئايدىن باشلاپ تۆۋەنلەش نىسبىتى يەنىمۇ تارىيىپ، 6-ئايدا %3.1  ئاشتى.

تەرجىمان: بەختىيار تۇردى

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئېلىمىز ئىقتىسادى مۇقىم ئەسلىگە كېلىپ تەرەققىي قىلىپ، مۇۋاپىق ئېشىش دائىرىسىگە قايتىشنى تېزلەتتى

[يېڭى ئىدىيە ئارقىلىق يېڭى مۇساپىگە يېتەكچىلىك قىلىش] ئەۋرىشىملىكى كۈچلۈك، يوشۇرۇن كۈچى زور، ھاياتىي كۈچى يېتەرلىك بولغان ئېلىمىز ئىقتىسادى مۇقىم ئەسلىگە كېلىپ تەرەققىي قىلىپ، مۇۋاپىق ئېشىش دائىرىسىگە قايتىشنى تېزلەتتى