ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«شىمالىي ئېرىق 1» تۇرۇبىسىنىڭ يەنە ئىككى جايىدىن گاز چىقىپ كەتكەن

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-09-28 14:12

دانىيە ئېنېرگىيە مەھكىمىسى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى، دانىيە ئەتراپىدىكى سۇ رايونىدىكى «شىمالىي ئېرىق 2» گاز تۇرۇبىسىدىن گاز چىقىپ كېتىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، «شىمالىي ئېرىق 1» تۇرۇبىسىدىن يەنە ئىككى جايدىن گاز چىقىپ كەتكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا دانىيە ۋە شىۋېتسىيە ئەتراپىدىكى سۇ رايونىدا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

رۇسىيە «شىمالىي ئېرىق 1» تۈرىنىڭ تىجارەت قىلغۇچىسى بولغان شىمالىي ئېرىق تەبىئىي گاز تۇرۇبا شىركىتى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: «شىمالىي ئېرىق 1» ۋە «شىمالىي ئېرىق 2» دېڭىز ئاستى گاز يەتكۈزۈش تۇرۇبىسىنىڭ ئۈچ تۇرۇبا لىنىيەسىدە بىر كۈن ئىچىدە بىرلا ۋاقىتتا بۇزۇلۇش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ باقمىغان، ھازىر رېمونت قىلىش ۋاقتىنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ.

شىۋېتسىيە ئۆلچەش پونكىتىنىڭ خاتىرىسىگە ئاساسلانغاندا، 9-ئاينىڭ 26-كۈنى «شىمالىي ئېرىق 1» ۋە «شىمالىي ئېرىق 2» تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىدىن گاز چىقىپ كەتكەن ئوخشاش بىر سۇ رايونىدا ئىككى قېتىم كۈچلۈك پارتلاش بولغان.

دانىيەنىڭ باش ۋەزىرى فرازېرىكسون 9-ئاينىڭ 27-كۈنى كەچتە مۇنداق دېدى: دانىيەدىكى ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ ئۇنىۋېرسال باھالىشىغا ئاساسلانغاندا، «شىمالىي ئېرىق» تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىدىن گاز چىقىپ كېتىش «ھادىسە» بولماستىن بەلكى «قەستەن بۇزغۇنچىلىق قىلىش» ئىكەن.

تەرجىمان: بەختىيار تۇردى

中央广播电视总台 央广网 版权所有