ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

رۇسىيەدىكى بىر مەكتەپتە ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بەردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-09-28 14:47

رۇسىيە فېدېراتسىيەسى رازۋېدكا كومىتېتىنىڭ شۇ يەر ۋاقتى 26-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، رۇسىيە ئۇدمۇرت جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەركىزى ئىژېۋسك شەھىرىدىكى بىر مەكتەپتە ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 13 ئادەم قازا قىلغان، قازا قىلغانلار ئىچىدە يەتتە بالا بار ئىكەن.

مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ جايدىكى رەھبەرلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شۇ كۈنى سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان بىر ئەر 88-مەكتەپكە بۆسۈپ كىرىپ، بىر ئامانلىق ساقلىغۇچىنى ئۆلتۈرگەن ھەمدە بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنى ئۆلتۈرگەن ۋە يارىلاندۇرغان. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن مەكتەپ ئەتراپىدىكى رايونلار قامال قىلىنغان، خەلق مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتى، فېدېراتسىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسى ۋە تەكشۈرۈش ئورگانلىرى ھازىر نەق مەيداندا تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرماقتا.

يەر شارى تورىنىڭ «بۈگۈنكى رۇسىيە» (RT)، رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ ئاگېنتلىقى، «خەۋەرلەر گېزىتى» قاتارلىق رۇسىيە تاراتقۇلىرى تارقاتقان رۇسىيە فېدېراتسىيەسى رازۋېدكا كومىتېتىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئېيتىشىچە، ئىژېۋسكتىكى مەكتەپتە يۈز بەرگەن ئوققا تۇتۇش ۋەقەسىنى سادىر قىلغۇچى ۋەقە يۈز بەرگەندە ناتسىستلار بەلگىسى بار قارا جىلىتكە كىيگەن، بېشىغا نىقاب كىيگەن بولۇپ، يېنىدا سالاھىيىتىنى بىلدۈرىدىغان ھېچقانداق كىنىشكا يوق ئىكەن. نۆۋەتتە، بۇ قاتىلنىڭ سالاھىيىتى بېكىتىلگەن.

رۇسىيە فېدېراتسىيەسى رازۋېدكا كومىتېتى يەنە قوراللىق قاتىل ۋەقەنى سادىر قىلغاندىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

رۇسىيەدىكى بىر مەكتەپتە ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بەردى

رۇسىيە فېدېراتسىيەسى رازۋېدكا كومىتېتىنىڭ شۇ يەر ۋاقتى 26-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، رۇسىيە