ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئىقتىسادنىڭ ئاساسىنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى 4-پەسىللىك خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئېچىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-09-29 10:07

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 9-ئاينىڭ 28-كۈنى ئىقتىسادنىڭ ئاساسىنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى 4-پەسىللىك خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

ئالاقىدار تارماقلار دوكلات بەردى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: كۆزلىمىدىن ئېشىپ كەتكەن ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، 2-پەسىلنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدە ئىقتىساد كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەر قايسى تەرەپلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. بىز ئىقتىسادنىڭ ئاساسىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا دائىر بىر قاتار سىياسەتلەر ۋە داۋاملاشما سىياسەتلەرنى ۋاقتىدا يولغا قويدۇق، ئالدىنقى بىر نەچچە يىلدا تەييارلانغان زاپاس سىياسەت قوراللىرىنى ئىشلىتىپ بولدۇق. ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى، مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇشىغا كۈچەپ كاپالەتلىك قىلىپ، ئۈنۈملۈك ئېھتىياجنى كېڭەيتىپ، ئىسلاھات ئارقىلىق ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتتۇق. جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش ۋەزىيىتى ئۆزگەرتىلدى، 3-پەسىلدە ئىقتىساد ئومۇمىي جەھەتتىن ئەسلىگە كەلدى.

لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئىقتىسادنىڭ ئاساسىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە خەلق تۇرمۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلاپ، مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ ئاكتىپلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، ۋاقىت تۈگۈنىنى چىڭ تۇتۇپ، سىياسەتلەرنىڭ 4-پەسىلدە ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلىشىشى، تولۇق ئۈنۈملۈك بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىش ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، ئەسلىگە قايتىپ مۇقىملىشىپ يۇقىرى ئۆرلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۈرۈشۈشنىڭ مۇۋاپىق ئارىلىقتا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئېھتىياج ئاجىز بولۇشتەك گەۋدىلىك زىددىيەتكە قارىتا، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن مەبلەغ سېلىشنى كېڭەيتىپ، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بازار سۇبيېكتلىرى ۋە ئىجتىمائىي كاپىتالنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرىدىغان بىر قاتار سىياسەتلەر ۋە داۋاملاشما سىياسەتلەرنى داۋاملىق ياخشى يولغا قويۇپ، يېقىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىككى تۈرلۈك مۇھىم سىياسەت قورالىدىن ياخشى پايدىلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بىرىنچى، سىياسەت خاراكتېرلىك، ئېچىش خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە قورالىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئۇل ئەسلىھە تۈر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش. ئىككىنچى، مەخسۇس قايتا قەرز بېرىش، مالىيە ياردەم ئۆسۈمى قاتارلىق سىياسەتلەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، ياسىمىچىلىق، مۇلازىمەت كەسپى، ئىجتىمائىي مۇلازىمەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش، ئۆزگەرتىشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش. تارماقلار بېكىتىلگەن بىر قانچە چوڭ تەدبىرنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەپسىلىي پىرىنسىپنى چىڭ تۇتۇپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا پۇختا كاپالەتلىك قىلىپ، 4-پەسىلدە تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىگە يېقىن ئائىلىلەرنى باسقۇچلۇق تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ياردەم پۇلى دائىرىسىگە كىرگۈزۈشى كېرەك.

سۈن چۈنلەن، خۇ چۈنخۇا، ليۇ خې، ۋاڭ يۇڭ، شياۋ جيې، جاۋ كېجى يىغىنغا قاتناشتى.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئىقتىسادنىڭ ئاساسىنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى 4-پەسىللىك خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئېچىلدى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 9-ئاينىڭ 28-كۈنى ئىقتىسادنىڭ ئاساسىنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى 4-پەسىللىك خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى.