ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

[جۇڭگوغا يول باشلاش] ئالەم قاتنىشى چوڭ دۆلىتىدىن ئالەم قاتنىشى كۈچلۈك دۆلىتىگە قاراپ قەدەم تاشلاش

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-09-29 10:06

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئالەم قاتنىشى ئارزۇسى دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، دەپ كۆرسەتتى. جۇڭگو ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىش قەدىمى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ، تېخىمۇ يىراققىچە داۋاملىشىدۇ. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىۋاسىتە پىلانلىشى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، ئېلىمىزنىڭ ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىدا ھالقىما تەرەققىيات ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ئالەم قاتنىشى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشقا قاراپ پۇختا قەدەم تاشلاندى.

بۇنىڭدىن بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى، تەخمىنەن بەش سائەت بۆلمىدىن چىقىپ ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق، «شېنجۇ 14-نومۇر»لۇق ئالەم كېمىسىنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسى 2-قېتىملىق بۆلۈمىدىن چىقىپ ھەرىكەت قىلىشتا بەلگىلەنگەن بارلىق ۋەزىپىلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى. شېنجۇ 12-نومۇرلۇق ئالەم كېمىسىنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسى تۇنجى قېتىم بۆلۈمىدىن چىققاندىن تارتىپ ھازىرغىچە جەمئىي ئالتە قېتىم بۆلمىدىن چىقىش پائالىيىتى تاماملاندى. بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا ئېلىمىز مۇستەقىل ياسىغان، مۇستەقىل يۈرۈشتۈرىدىغان جۇڭگو بوشلۇق پونكىتى قۇرۇلۇپ،T خەت شەكلىدە كەڭ ئالەم بوشلۇقىدا قەد كۆتۈردى. جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى خاۋ چۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2022-يىلى بوشلۇق پونكىتى قۇرۇشتىكى ھەل قىلغۇچ جەڭ يىلى، جۇڭگو بوشلۇق پونكىتى قۇرۇش، دۆلەت بوشلۇق تەجرىبىخانىسى قۇرۇش ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشىنىڭ «ئۈچ قەدەملىك» ئىستراتېگىيەسىدىكى مۇھىم نىشان، ئالەم قاتنىشى كۈچلۈك دۆلىتى، پەن-تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنىڭ مۇھىم بەلگىسى.

ئۆتكەن ئون يىلدا، نۇرغۇن ئۇزۇن سەپەر راكېتالىرى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا پەرۋاز قىلىش ئارزۇسىنى ئېلىپ، ئالەم بوشلۇقىدا كەينى-كەينىدىن پەرۋاز قىلدى، جۇڭگونىڭ ئالەم قاتنىشى ئىشلىرى ئۆزگىچە يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات يولىدا ماڭدى.

جۇڭگونىڭ ئاي شارىنى تەكشۈرۈش «چاڭئې» قۇرۇلۇشىنىڭ «ئايلىنىش، قونۇش، قايتىش»تىن ئىبارەت ئۈچ قەدەملىك ۋەزىپىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلىشىپ، ئاساسىي پەنلەر، بوشلۇق پەنلىرى ۋە ئەمەلىي پەنلەر قاتارلىق بىر قانچە ساھەنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى، بىر قاتار ئىجادىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ ئاي شارى ئىلمىي تەتقىقات سەۋىيەسىنى دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتكۈزدى.

2020-يىلى 6-ئايدا، يەتتىكەن يەر شارى سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى يۇلتۇز تۈركۈمى گۇرۇپپىسى تورى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى. نەچچە ئەۋلاد يەتتىكەن خادىملىرى ئۇدا كۈرەش قىلىپ، نەچچە يۈز مىڭ قۇرۇلۇشچىنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئېلىمىزنىڭ ھازىرغا قەدەر كۆلىمى ئەڭ چوڭ، قاپلاش دائىرىسى ئەڭ كەڭ، مۇلازىمەت ئىقتىدارى ئەڭ يۇقىرى بولغان غايەت زور مۇرەككەپ ئالەم قاتنىشى سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى. سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شۈ ۋېنلى مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ يەتتىكەن سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى قاتناش، يېزا ئىگىلىكى، ئېنېرگىيە، ئاممىۋى ئىستېمال، تەبىئىي بايلىق قاتارلىق ساھەلەرگە كەڭ كۆلەمدە مۇلازىمەت قىلدى.

10 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ئالەم قاتنىشىدا ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئالەم بوشلۇقىنى تەتقىق قىلىشتا ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئالەم قاتنىشى چوڭ دۆلىتىدىن ئالەم قاتنىشى كۈچلۈك دۆلىتىگە قاراپ قەدەم تاشلاپ، ئاجايىپ «جۇڭگو سۈرئىتى»نى نامايان قىلدى.

نۆۋەتتە، كىچىك سەييارىلەرنى تەكشۈرۈش، مارستىن ئەۋرىشكە ئېلىپ قايتىش قاتارلىق زور ۋەزىپىلەردە قۇرۇلۇش تەتقىقاتى باشلاندى، دۆلەتلىك ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋۇ يەنخۇا: جۇڭگونىڭ ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىدا يېڭى «جۇڭگو ئېگىزلىكى» پىلانلىنىۋاتىدۇ، دېدى.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

[جۇڭگوغا يول باشلاش] ئالەم قاتنىشى چوڭ دۆلىتىدىن ئالەم قاتنىشى كۈچلۈك دۆلىتىگە قاراپ قەدەم تاشلاش

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئالەم قاتنىشى ئارزۇسى دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، دەپ كۆرسەتتى