ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگولۇق ۋە چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر «زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق قارىشى» توغرىسىدا مۇھاكىمە يۈرگۈزدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-09-29 10:10

«خەلقنى مەركەز قىلىش: زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق قارىشىنىڭ قىممەت مىزانى» مۇھاكىمە يىغىنى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى تور ۋە تور سىرتىنى بىرلەشتۈرۈش شەكلىدە ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگولۇق ۋە چەتئەللىك مۇتەخەسسىس، ئالىملار « زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق قارىشى» توغرىسىدا مۇھاكىمە يۈرگۈزدى.

«خەلقنى مەركەز قىلىش: زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق قارىشىنىڭ قىممەت مىزانى» مۇھاكىمە يىغىنى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى تور ۋە تور سىرتىنى بىرلەشتۈرۈش شەكلىدە ئۆتكۈزۈلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 51-نۆۋەتلىك يىغىنى «بۇلۇت تەرەپلەر يىغىنى»نىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مۇھاكىمە يىغىنىنى جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان، مەركىزىي مىللەتلەر داشۆسى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، جۇڭگو، رۇسىيە، ئامېرىكا، پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن مۇتەخەسسىس، ئالىملار ئالاقىدار تېمىلارنى چۆرىدەپ ئورتاق مۇھاكىمە قىلىپ پىكىر ئالماشتۇردى.

جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن كېڭەش باشلىقى قوشۇمچە باش كاتىپى زو فېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خەلق كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى، تۈرلۈك ئىشلارنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە تۈرلۈك ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولغۇچى. جۇڭگو كومپارتىيەسى جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبىرى، ئۇنىڭ خاراكتېرى ۋە ئاساسىي مەقسىتى زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق قارىشىنىڭ خەلقچىللىقىنى بەلگىلىگەن. خەلقئارا جەمئىيەت زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق قارىشىغا بولغان چۈشەنچىسىنى كۈچەيتىپ، دۇنيا كىشىلىك ھوقۇقنى ئىدارە قىلىشنىڭ تېخىمۇ ئادىل، ھەققانىي، مۇۋاپىق، سىغدۇرۇشچان يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى تەڭ ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

مەركىزىي مىللەتلەر داشۆسىنىڭ مۇدىرى گو گۇاڭشېڭ مۇنداق دەپ قارىدى: كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ بوشاشماي ئىنتىلىشى، جۇڭگو كومپارتىيەسى كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىشنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى مۇھىم خىزمەت قىلىشتا چىڭ تۇردى. جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات يولى-دۇنيانىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىدىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىنى بېيىتقانلىق ۋە راۋاجلاندۇرغانلىق.

مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) نىڭ پىروفېسسورى لى يۈنلۇڭ مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: «خەلقنى مەركەز قىلغان» كىشىلىك ھوقۇق ئىدىيەسى زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق قارىشىنىڭ يادروسى بولۇپ، ئۇنىڭدا كوللېكتىپنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى بىلەن شەخسنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ ئورگانىك بىرلىكى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، تۈرلۈك كىشىلىك ھوقۇقلارنى تەڭكەش راۋاجلاندۇرۇش مەسىلىسى ھەل قىلىندى؛ غەربىي شىمال سىياسىي قانۇن داشۆسى كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات مەركىزىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى چيەن جىنيۈ كىشىلىك ھوقۇق مەدەنىيلىكى، كىشىلىك ھوقۇق سۇبيېكتى، كىشىلىك ھوقۇق سۆزلىشىشىدىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتتىن جۇڭگونىڭ «خەلقنى مەركەز قىلىش» تىن ئىبارەت كىشىلىك ھوقۇق ئىدىيەسىنى تونۇشتۇردى.

جۇڭگو چەتئەل تىل-يېزىق نەشرىيات تارقىتىش ئىشلىرى ئىدارىسى ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا جەنۇبىي ئاسىيا تارقىتىش مەركىزىنىڭ رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسى ئالېكساندىر كۇبىشكىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇققا بولغان چۈشەنچىسى ئىنسانلارنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقى ۋە ئىززەت ھۆرمىتىنى قوغداشقا بولغان جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ئىنتىلىشىنى ئاساس قىلغان. ئاسىيا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تەتقىقات ۋە تەرەققىيات تەتقىقاتخانىسىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى شاكىر ئەھمەد لامەي شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى مىسال قىلىپ، جۇڭگونىڭ خەلقنىڭ ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى تونۇشتۇردى.

بېيجىڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى داشۆسى پەن-تېخنىكا ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى شياۋ جۈنيۇڭ ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، جۇڭگونىڭ پۇقرالارنىڭ خەۋپسىزلىك ھوقۇقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئەڭ ئىشەنچلىك خەۋپسىزلىك شارائىتى ۋە قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى.

جۇڭگو سانائەت ھەمكارلىق خەلقئارا كومىتېتى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ رەئىسى كې ماكەي ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئىككى مەنبەلىك قارىمۇقارشى تەپەككۇر ئەندىزىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان پوزىتسىيە بىلەن كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە ئىجابىي سۆزلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى قانات يايدۇرۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگولۇق ۋە چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر «زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق قارىشى» توغرىسىدا مۇھاكىمە يۈرگۈزدى

«خەلقنى مەركەز قىلىش: زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق قارىشىنىڭ قىممەت مىزانى» مۇھاكىمە يىغىنى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى تور ۋە تور سىرتىنى بىرلەشتۈرۈش شەكلىدە ئۆتكۈزۈلدى.